ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇش سېپىدىن ئېغىر قوراللار چېكىندۈرىلىدۇ

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2015-02-22
Share


شەرقىي ئۇكرائىنادىكى رۇسىيەپەرەس كۈچلەر ۋە كىيېف ھۆكۈمىتى ئالدىنقى سەپتىن ئېغىر قوراللىرىنى ئېلىپ كېتىشكە قوشۇلدى. ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۆتكەن ھەپتىدە 4 دۆلەت رەھبەرلىرى مىنسك شەھىرىدە ئىمزالىغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىدە ئېغىر قوراللارنى ئالدىنقى سەپتىن چېكىندۈرۈشكە قوشۇلغان بولسىمۇ، ئەمما بىر ھەپتىدىن بۇيان بۇ ئىش تېخى ئىشقا ئاشمىغان ئىدى. بىر نەپەر مەزكۇر كېلىشىم خىزمىتىگە قاتناشقان رۇسىيە خادىمى ئېغىر قوراللارنى چېكىندۈرۈش تەييارلىق خىزمىتى باشلانغانلىقى، ئەمما بۇ چېكىندۈرۈشنىڭ ھەپتىنىڭ ئىككىنچى كۈنى باشلىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

مىنسك كېلىشىمى بويىچە ئىككى تەرەپ ئەسىرلەرنى ئالماشتۇرغان بولۇپ، ئىككى تەرەپ 191 ئەسىرنى ئالماشتۇردى. بىراق، يەكشەنبە كۈنى ئۇكرائىنادىكى خاركوۋ شەھىرىدە پارتلاش يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندە 2 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلىپ 11 ئادەم يارىلانغان، ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى خاركوۋتا تېررورىزىمغا قارشى ھەرىكەت باشلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

نۆۋەتتە، رۇسىيەپەرەس كۈچلەرنىڭ كېلىشىمىگە رىئايە قىلىشتا ئاكتىپ ئەمەسلىكى شىكايەت قىلىنماقتا، رۇسىيەپەرەس قوراللىق كۈچلەرنىڭ ئېغىر قوراللارنى چېكىندۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش ھارپىسىدا ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى كېررى ئامېرىكىنىڭ رۇسىيەگە قارىتا يېڭى ئىمبارگولارنى ئويلىشىۋاتقانلىقى ھەمدە پات ئارىدا پرېزىدېنت ئوبامانىڭ رۇسىيەگە قارىتا ئىمبارگو قويۇش - قويماسلىق مەسىلىسىدە قارار چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. كېررى موسكۋانى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ئىشقا ئېشىشىغا دەخلى قىلىش بىلەن تەنقىد قىلدى.

ئامېرىكىنىڭ رۇسىيەگە قارىتا يېڭى ئىمبارگو قويۇش مەسىلىسىگە ئىنكاس قايتۇرغان رۇسىيە كرېمىل باياناتچىسى دمىترىي پېسكوۋ ئىمبارگو ئۇكرائىنا كرىزىسىنى ھەل قىلىشقا ياردەم كۆرسەتمەيدۇ، دېگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت