ئالمۇتادا ئۇيغۇر دىيارىدىكى قازاقلارنى ھىمايە قىلىش نامايىشى ئۆتكۈزۈشكە تەرەددۇت قىلىنماقتا

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2018-04-01
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە باشقا جايلىرىدىن قازاقىستانغا كۆچۈپ چىقىپ يەرلىشىپ قالغان بىر قىسىم قازاقلار، يەنى قازاقىستانلىقلارنىڭ ئاتىشى بويىچە «ئورالمانلار» ئالمۇتا شەھەرلىك ھۆكۈمەتتىن ئۆزلىرىنىڭ كەڭ كۆلەمدە خىتايغا نارازىلىق بىلدۈرۈش نامايىشى ئۆتكۈزۈشىگە رۇخسەت بېرىشىنى تەلەپ قىلغان.

رۇسىيەنىڭ «ئوتتۇرا ئاسىيا تورى» نىڭ يېزىشىچە، 30-مارت كۈنى ئون نەچچە نەپەر پائالىيەتچى ئالمۇتا شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئىدارىسى ئالدىغا توپلىنىپ، ھۆكۈمەتكە ئۆزلىرىنىڭ 8-ئاپرېل كۈنى ئالمۇتا شەھەرلىك «سارئارقا» كىنو-تىياتىرى ئالدىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قازاقلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان تەقىبلەشلىرى، جۈملىدىن قازاقىستان پۇقرالىقىنى ئالغان قازاقلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنى تۇتقۇن قىلىش، پاسپورتلىرىنى يىغىۋېلىش ۋە ئۇلارغا ھەر خىل شەكىلدە بېسىم قىلىش قىلمىشلىرىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش نامايىشى تەشكىللەش ئىلتىماسىنى سۇنغان. ئەگەر رۇخسەت قىلىنسا، 8-ئاپرېل كۈنى ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان مەزكۇر نامايىشقا مىڭ ئەتراپىدا ئادەم قاتنىشىدىغانلىقى پەرەز قىلىنغان. 

ئالمۇتا شەھەرلىك ھۆكۈمەت ۋەكىلى ئۇلارنىڭ نامايىش قىلىش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋېلىپ، بۇنىڭغا 15 كۈن ئىچىدە جاۋاب بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 

ھۆكۈمەت ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر پائالىيەتنىڭ قاتناشقۇچىلىرىدىن بىرى داۋلېتبېك ئېربول ئۆزىنىڭ قازاقىستان پۇقرالىقىنى ئالغان بولسىمۇ، ئەمما 75 ياشقا كىرگەن ئانىسىنىڭ ئۆز يۇرتىغا بارغاندا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇنىڭ پاسپورتىنى تارتىۋالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇلار نامايىش قىلىش ئارقىلىق خىتاي دىپلوماتلىرىدىن قازاقلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان مەزكۇر بىر قاتار قىلمىشلار ھەققىدە جاۋاب بېرىشنى تەلەپ قىلىدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت