قورغاس ناھىيەسىدە ئۈندىدارغا نازۇك تېما يوللىغان 10 نەپەر قازاق ئايال تۇتقۇن قىلىنغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017.07.14

يېقىندا ئۇيغۇر ئىلىنىڭ قورغاس ناھىيەسىدە ئۈندىدار توپىدا نازۇك تېما مۇنازىرە قىلغان 10 نەپەر قازاق ئايال تۇتقۇن قىلىنغان. بىر قازاق كىشىنىڭ 13‏-ئىيۇل رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، بۇ 10 نەپەر قازاق ئايال 11‏-ئىيۇل تۇتقۇن قىلىنغان.

يۇقىرىقى قازاق كىشى، تۇتقۇن قىلىنغان قازاق ئاياللارنىڭ ئادەتتىكى پۇقرالار ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ سىياسىي، دىنىي ئىشلار بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ قەيت قىلىشىچە، قازاق ئاياللارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا ئۇلارنىڭ ئۈندىدار توپىدا مۇنازىرە قىلىشقا بولمايدىغان تېمىلارنى مۇنازىرە قىلىشى سەۋەب بولغان. خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا ئۈرۈمچى قاتارلىق شەھەرلەردە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، بارلىق يەرلىك ئاھالىلەردىن تېلېفون، كومپيۇتېر ۋە باشقا ئېلېكترونلۇق ئالاقە ئەسۋابلىرىغا ئاتالمىش «تېررورلۇق»قا قارشى بىر خىل ئاپتوماتىك ئۈن-سىن تەكشۈرۈش دېتالى قاچىلاشنى تەلەپ قىلغان.

مەزكۇر يۇمشاق دېتالنى قاچىلىمىغانلارنىڭ سۈرۈشتۈرۈلۈپ جازالىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئۈندىدار توپىدىكى قورغاسلىق قازاق ئاياللارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى، خىتاينىڭ «تېررورلۇق» قا قارشى ئاپتوماتىك ئۈن-سىن تەكشۈرۈش دېتالى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ياكى ئەمەسلىكى ئېنىق ئەمەس. بىراق رادىيومىز خىتاي بۆلۈمىنىڭ پەيشەنبە كۈنى ئىلى رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق پۇقرالاردىن ئىگىلىشىچە، دائىرىلەر مەزكۇر يۇمشاق دېتالنى ئىلى رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق پۇقرالارنىڭمۇ قاچىلىشىنى تەلەپ قىلغان ئىكەن.

خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىپ بارغان باستۇرۇش ھەرىكىتى يېقىندىن بۇيان قازاقلارغا كېڭەيگەن. خەۋەرلەردە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان جىمىنەي، بۆرچىن، قورغاس، دۆربىلجىن، چىڭگىل، مورى قاتارلىق ناھىيەلەردە بەزى قازاقلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل 6‏- ئاينىڭ باشلىرىدا سانجىنىڭ مورى ناھىيەسىدە ئەقمەت ئىسىملىك بىر قازاق ئىمام تۇتقۇن قىلىنىپ، قاماقخانىدا ئۆلۈپ كەتكەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.