«ئۈندىدار ھەممىنى كۆزىتىپ تۇرۇۋاتىدۇ»

مۇخبىرىمىز سادا
2019-06-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

يېقىندىن بۇيان خىتايدا پەيدا بولغان قول تېلېفون يۇمتاللىرىنىڭ كىشىلەرنى 24 سائەت نازارەت قىلىش ۋە شەخسىي ئۇچۇر ئىگىلەش ئىقتىدارىنىڭ بارلىقى ھەققىدە كۆپ مۇنازىرىلەر ۋە ماقالىلەر ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى. يېقىندا خىتايدا تۇرۇۋاتقان بىر چەتئەللىك «ئۈندىدار» نىڭ كىشىلەرنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى قانداق ئوغرىلايدىغانلىقىنى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلغان.

باركلېي برەم ئىمزاسىدا يېزىلغان «ئۈندىدار ھەممىنى كۆزىتىپ تۇرۇۋاتىدۇ» ناملىق بۇ ماقالىدە ئاپتور ئەتىگەن قانچىدە ئورنىدىن تۇرغانلىقى، كىمنىڭ «ئۈندىدار» ئارقىلىق ئۇنىڭغا ئۇچۇر يازغانلىقى ۋە ئۇنىڭ كىمگە ئۇچۇر قايتۇرغانلىقى ۋە نېمە دېيىشكەنلىكى قاتارلىق ئۆزىدىن باشقا ئادەمنىڭ بىلىشى مۇمكىن بولمايدىغان ئۇچۇرلارنىڭ ھەممىسى «ئۈندىدار» ئارقىلىق سۈزۈۋېلىنىدىغانلىقىنى نۇقتىلىق بايان قىلغان.

ئاپتور ماقالىسىدە يەنە كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ئۆي ئىجارىسى ۋە توك-سۇ پۇلىنى تۆلەش قاتارلىق ئىشلارنى «ئۈندىدار» ئارقىلىق قىلغانلىقتىن «ئۈندىدار» نىڭ ئۇنىڭ بانكا ھېسابات نومۇرى، ئۆينىڭ ئادرېسى قاتارلىق نازۇك ئۇچۇرلاردىنمۇ تولۇق خەۋەردار ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتكەن. تېخىمۇ قىزىق يېرى «ئۈندىدار» ئاپتورنىڭ ئەتىگەندە قانداق قەھۋەنى ئىچىدىغانلىقىنىمۇ بىلىدىكەن.

ئاپتورنىڭ دېيىشىچە، ئادەتتە كىشىلەر يان تېلېفونىغا قاراپ مەشغۇلات قىلغانلىقتىن «ئۈندىدار» شۇ كىشىنىڭ تېلېفونىدىكى كامېراسى ئارقىلىق يۈزىنى تونىيالايدىكەن. نەتىجىدە كىشىلەرنىڭ يۈز سۈرىتى ئىنتايىن روشەن ھالەتتە سانداندا ساقلىنىپ تۇرىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا «ئۈندىدار» يان تېلېفوننىڭ ياڭراتقۇسى ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ دېگەن ھەربىر سۆز-جۈملىسىنى ئاڭلاپ تۇرالايدىكەن.

ئىلگىرى ئېلان قىلىنغان بەزى دوكلات ۋە خەۋەرلەردە ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرىغا سولانغان كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ھۆكۈمەتكە پايدىسىز ھېچقانداق بىر ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللانمىغان تۇرۇپمۇ يەنىلا تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى. كۆزەتكۈچىلەر بۇ ھەقتە پىكىر يۈرگۈزۈپ، كىشىلەرنىڭ ھەربىر سۆز-ھەرىكىتىنىڭ ئەمەلىيەتتە «ئۈندىدار» تەرىپىدىن نازارەت قىلىنىدىغانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتى مۇشۇ يۇمتال ئارقىلىق ئۆزىگە قارشى بىرەر گەپ-سۆزدە بولغان كىشىلەر ھەققىدە ئۇچۇر توپلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت