خىتاي تور ساقچىلىرى ئۈندىداردا دىنغا ئائىت گەپ-سۆزلەرنى سۈزۈۋېلىپ تەكشۈرۈشنى باشلىدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2015.06.26

‏ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىدا تارقالغان ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ تور ساقچىلىرى رامىزان مەزگىلىدە «ئۈندىدار» قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە ئۇچۇرلىرىدا «سەزگۈر سۆزلەرنى سۈزۈۋېلىش» ھەرىكىتىنى باشلىغان.

دائىرىلەر بەلگىلىگەن سەزگۈر سۆزلەر ئاساسلىقى دىنغا ئالاقىدار گەپ سۆزلەر بولۇپ، تېڭشۈن تورىدا بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان ئۇچۇردىن مەلۇم بولۇشىچە، تور ساقچىلىرى ئۈندىداردىكى ئۇچۇرلاردىن نۇقتىلىق ھالدا، «ئاللاھ»، «روزا»، «رامىزان»، «ئىپتار»، «زوھۇرلۇق»، «ناماز»، «قۇرئان» دېگەندەك سۆزلەرنى تېلېفون، تور قاتارلىق ئالاقىلىشىش ۋاسىتىلىرىدىن سۈزۈۋېلىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىكەن.

خىتاينىڭ تىڭشۈن چەكلىك شىركىتى تەرىپىدىن ئىشلەنگەن «ئۈندىدار» (Wechat) يانفون پروگراممىسى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كەڭ ئومۇملاشقان ئالاقىلىشىش قوراللىرىدىن بىرى. ئۇيغۇرلار 2012-يىلدىن باشلاپ «ئۈندىدار» نى كەڭ دائىرىدە قوللىنىشقا باشلىغان. ئەمما 2014-يىلدىن بۇيان دائىرىلەر ئايفون قاتارلىق ئەقىللىق تېلېفونلاردىكى ئۇچۇر ئالاقىلىرىگە قاراتقان تەكشۈرۈش ۋە كونتروللۇقنى كۈچەيتكەنلىكى ئۈچۈن، نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلار ئىنتېرنېت ئالاقىسىگە قۇلايلىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلېفونلاردىن ۋاز كېچىپ، ئىلگىرىكى كۇنۇپكىلىق ئاددىي تېلېفونلارنى ئىشلىنىشكە يۈزلەنگەن.

رادىئومىزغا ئىنكاس قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جەنۇبىي ئۇيغۇر رايونىدىكى قەشقەر خوتەن، ئاقسۇ قاتارلىق ۋىلايەتلەردە تېلېفون ئۇچۇرى سەۋەبلىك جازالىنىۋاتقان ھەتتا قولغا ئېلىنىپ قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇرلار بارغانچە كۆپەيگەن.

رادىئومىزغا بۇ ھەقتە ئىنكاس يوللىغۇچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاقسۇنىڭ كۇچار ناھىيىسىنىڭ يېڭى پارتكوم سېكرېتارى ياڭ فاسىڭ تەرىپىدىن 2014-يىلنىڭ ئاخىرى يولغا قويۇلغان «ھەر بىر قانۇنسىز دىنىي ئۇچۇر ۋە مىللىي بۆلگۈنچىلىك ئۇچۇرى ئۈچۈن 3 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىش» بەلگىلىمىسى سەۋەبلىك، 2015-يىلى 1-ئايغا قەدەر پەقەت كۇچار ناھىيىسىدىنلا 2080 ئادەم قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. نۆۋەتتە كۇچاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ 80% تىن ئارتۇقى، تىنچ-ئامانلىق ۋە بىخەتەرلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئىلگىرىكى كۇنۇپكىلىق تېلېفونلارنى ئىشلىتىشكە كۆچكەنلىكى مەلۇم.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.