جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلىرى ئۇنىۋېرسىتېت دائىرىلىرىنى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدىن چېگرا ئايرىشقا قىستىماقچى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2022.09.29
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ئامېرىكادىكى نوپۇزلۇق ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن بىرى بولغان جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئاساسلىق ئوقۇغۇچىلار تەشكىلاتلىرى بىرلىشىپ، مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېت دائىرىلىرىنى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىدىن قول ئۈزۈشكە چاقىرىدىغان قارار لايىھەسىنى تونۇشتۇرغان. مەزكۇر قارار لايىھەسى ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىگە يوللانغان بولۇپ، 3-ئۆكتەبىر دۈشەنبە كۈنى ئاۋازغا قويۇلىدىكەن.

لايىھەدە جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتى دائىرىلىرىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ چەتئەللەرگە سوزۇلغان قولى بولغان خىتاي مەركىزى بىرلىكسەپ بۆلۈمى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە قاراپ چىقىش، ئۇلاردىن ئالغان مەبلەغلىرىنى تەكشۈرۈش ۋە بۇ مەبلەغنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى بىلەن بولغان مۇناسىىۋىتىنى تەكشۈرۈشتەك تەكلىپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ تونۇلغان ئىستون يازغۇچىسى جوش روگىننىڭ تىۋىتتېردا كۆرسىتىشىچە، بۇ قارار لايىھېسى ئۇنىۋېرسىتېت مەجلىسىدىكى دېموكرات ۋە جۇمھۇرىيەتچى ۋەكىللەرنىڭ ئورتاق قوللىشىغا ئېرىشكەن.

نۆۋەتتە ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ فوندلىرىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسى بىلەن، بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەكشۈرۈپ، چېگرا ئايرىشقا چاقىرىدىغان ھەرىكەتلەر كۈچەيمەكتە.

2021-يىلى ئامېرىكا كاتولىك ئۇنىۋېرسىتېتى مۇشۇ ھەرىكەتنى باشلىغان ۋە ئوقۇغۇچىلار باشقۇرۇشىدىكى مۇستەقىل ۋە پايدا ئالمايدىغان تەشكىلات بولغان ئافېنا ئىنستىتۇتىنى قۇرۇش ئارقىلىق بارلىق ئۇنىۋېرسىتېتلارغا بۇ ھەرىكەتنى كېڭەيتىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەنىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.