ئۈرۈمچىدە ساقچىلارنىڭ موتسىكلىتلىق چارلىشى يولغا قويۇلدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2015.11.17

رادىئومىز ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ساقچىلار ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا موتسىكلىتلىق چارلاش ھەرىكىتى باشلىغان. ئۆز كىملىكىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىرقانچە نەپەر ئۈرۈمچى ئاھالىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھەرىكەت 16‏-نويابىر سەھەردە باشلانغان. خىتاي ساقچىلىرى ئۈرۈمچىنىڭ تەڭرىتاغ رايونىغا قاراشلىق چوڭ قوۋۇق، كىچىك قوۋۇق، دۆڭكۆۋرۈك ۋە شامالباغ قاتارلىق جايلاردىكى مەھەللە-كويلاردا بىرلا ۋاقىتتا موتسىكلىتلىق ئايلىنىپ ھەيۋە كۆرسەتكەن.

خىتاينىڭ تەڭرىتاغ تورىمۇ دۈشەنبە كۈنى بۇ ھەقتە خەۋەر بەرگەن بولۇپ، خەۋەردە «ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداش ئۈچۈن قۇرۇلغان موتسىكلىتلىق ئەترەت ئۈرۈمچىدىكى جامائەت توپلاشقان كوچا-كويلار، سودا سارايلىرى، مەكتەپ-يەسلى قاتارلىق جايلاردا نۇقتىلىق چارلاش ئېلىپ بارىدىغان» لىقى تىلغا ئېلىنغان.

دائىرىلەر ئۇيغۇر ئېلىدە «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» نى باھانە قىلىپ بارغانچە كۈچەيتىۋاتقان بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ كېلىۋاتقان جىددىي مەسىلىلەرنىڭ بىرى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت بۇ ھەقتە توختىلىپ: «دائىرىلەرنىڭ 13-نويابىر يۈز بەرگەن پارىژدىكى تېررورلۇق ھۇجۇم ۋەقەسىدىن كېيىنلا، ئەسلىدىنلا قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىنغان ئۈرۈمچى شەھىرىدە، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان چوڭ-كىچىك مەھەللىلەردە موتسىكلىتلىق چارلىغۇچى ساقچىلار ئارقىلىق ھەيۋە كۆرسىتىشى ئۇيغۇرلارنىڭ يۈرىكىنى مۇجۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس» دېدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.