ئۈرۈمچى ئەتراپىدىن بايقالغان زور كۆلەمدىكى كۆمۈر كان گاز مەنبەسىنى ئېچىش باشلاندى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2018-02-04
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي دائىرىلىرى ئۈرۈمچى يېنىدىكى داۋانچىڭ رايونىدىن بايقالغان كۆمۈر قاتلىمى گازلىقىنى جىددىي ئېچىشقا كىرىشكەن. تېخى يېقىندىلا داۋانچىڭ رايونىدىن 100 مىليارد كۇب مېتىر كۆمۈر قاتلىمى گازى زاپىسى بايقالغانلىقى خەۋەر قىلىنغان بولۇپ، 31-يانۋار كۈنى ئۇيغۇر دىيارىدىكى تۆت چوڭ شىركەت داۋانچىڭدىكى مەزكۇر كۆمۈر قاتلىمى گاز مەنبەسىنى بىرلىشىپ ئېچىش ھەققىدە كېلىشىم ئىمزالاپ، ئىشقا كىرىشكەن.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كۆمۈر كان گېئولوگىيە ئىدارىسى داۋانچىڭدىن بايقالغان مەزكۇر كۆمۈر قاتلىمى گازىنىڭ پاكىزلىق دەرىجىسىنىڭ يۇقىرىلىقى ۋە ئۇنىڭدىكى خىمىيىلىك ماددا مېتان تەركىبىنىڭمۇ 90% ئارتۇق ئىكەنلىكىنى بېكىتكەن. خىتاي دائىرىلىرى بايقىغان مەزكۇر گازلىق بوغدا تېغىنىڭ جەنۇبى ئېتىكىگە، يەنى ئۈرۈمچىدىن 90 كىلومېتىرلار نېرىغا جايلاشقان بولۇپ، گازلىقنىڭ جەنۇبتىن-شىمالغا بولغان كەڭلىكى 27 كىلومېتىر كېلىدىكەن. مەزكۇر كۆمۈر قاتلىمى گازلىقىنىڭ ئومۇمى زاپىسىنىڭ 100 مىليارد كۇب مېتىردىن ئارتۇق ئىكەنلىكى، ئۇنى 15-20 يىل قېزىش ھەمدە 300 مىڭ ئاھالىنى گاز بىلەن تەمىنلەش مۇمكىن ئىكەنلىكى تەخمىن قىلىنماقتا.

نۆۋەتتە، ئۇيغۇر دىيارى خىتاينىڭ ئاساسىي تەبىئىي گاز مەنبەسىگە ئايلانغان بولۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ تارىم ۋادىسىدىن بايقىلىۋاتقان تەبىئىي گاز مەنبەلىرىنى ئېچىپ، ئۇنى خىتاينىڭ شەرقىدىكى دېڭىز بويلىرىدىكى 13 ئۆلكە ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردىكى 400 مىليوندىن ئارتۇق ئاھالىنى تەمىنلەۋاتقانلىقى مەلۇم. 13 يىل ئىچىدە خىتاي ھۆكۈمىتى تارىم ۋادىسىدىن 200 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گاز توشۇپ كەتكەن ئىدى.

تولۇق بەت