ئۇيغۇر رايونى ئاخبارات ئېلان قىلىپ، ئۈرۈمچى قاتارلىق شەھەرلەرنىڭ ھاۋاسى نورمال ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017.06.02

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت قوغداش نازارىتى2‏-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، رايوننىڭ  2016‏-يىلدىكى ئومۇمىي مۇھىت ئەھۋالى مۇقىملىقنى ساقلىغانلىقىنى ۋە نىسبى ياخشىلىنىشقا قاراپ ماڭغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مۇھىت قوغداش نازارىتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە،  2016‏-يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى 19 شەھەرنىڭ بىر يىل ئىچىدىكى ياخشى سۈپەتلىك ھاۋا كۈن سانى 67 % گە يەتكەن. ئۈرۈمچىنىڭ     2016‏-يىلدىكى ياخشى سۈپەتلىك ھاۋا كۈن سانى 246 كۈن بولۇپ، ئۆتكەن يىلقىدىن 2 % ياخشىلانغان.

«تەڭرىتاغ» تورىنىڭ خەۋىرىدە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى 19 شەھەر ئىچىدە ئالتاي، قارىماي ۋە چۆچەكنىڭ ھاۋا سۆپىتى ئەڭ ياخشى بولۇپ، خىتاينىڭ  2‏-دەرىجىلىك مەملىكەتلىك ھاۋا سۈپىتى ئۆلچىمىگە يەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

بىراق، دائىرىلەر  2 ‏-ئىيۇن چاقىرغان ئاخبارات يىغىنىدا، ھاۋانىڭ تەركىبىدىكى MP10  ۋە MP2 ناملىق زەھەرلىك ماددىلارنىڭ ھەر بىر كۇپمېتىر ھاۋا تەركىبىدىكى مىقدارى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمىگەن. «جەنۇبىي جۇڭگو ئەتىگەنلىك گېزىتى»نىڭ خەۋەر  قىلىشىچە، خەلقئارا يېشىل تىنچلىق تەشكىلاتى 2016‏-يىلنىڭ دەسلەپكى چارىكىدە ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشىدە خىتايدىكى ھاۋاسى ئەڭ ئېغىر بۇلغانغان  10 شەھەرنىڭ 6 سى ئۇيغۇر رايونىدا ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان. خەۋەردە، يېشىل تىنچلىق تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ئۇيغۇر رايونىدا ھەر كۇپمېتىر ھاۋانىڭ تەركىبىدىكى MP2.5 ناملىق ئۇشاق ماددىنىڭ مىقدارى   100مىكروگرامدىن ئېشىپ كېتىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بىخەتەرلىك ئۆلچىمىدىن 10 ھەسسە ئارتۇق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.