خىتاينىڭ ئۈرۈمچى نوپۇسىنى 10 مىليونغا يەتكۈزىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019.06.17

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈرۈمچى نوپۇسىنى 10 مىليونغا يەتكۈزۈشنى پىلانلىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئولتۇراق ئۆي ۋە ئۆي-مۈلك باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ يېقىندا چۈشۈرگەن بىر ئۇقتۇرۇشىدا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 2020‏-يىلى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ نوپۇسىنى 10 مىليونغا، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ كۆلىمىنى 800 كۋادرات كىلومېتىرغا يەتكۈزۈشنى پىلانلىغانلىقى ئاشكارىلاندى.

بۇ پىلان شەھەرلىك ئولتۇراق ئۆي ۋە ئۆي-مۈلك باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ 14‏-ئىيۇن كۈنى يىغىن چاقىرىپ، يۇقىرىقى پىلاننى قانداق ئىشقا ئاشۇرۇشنى مۇزاكىرە قىلىش ھەققىدە ئۈرۈمچىدىكى ھەر قايسى سودا جەمئىيەتلىرىگە ۋە كارخانىلارغا ئەۋەتكەن ئۇقتۇرۇشىدا تىلغا ئېلىنغان. ئۇقتۇرۇشتا: «بىر بەلۋاغ بىر يول تەشەببۇسىنىڭ داۋاملىق چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىسادى بەلۋېغىدىكى مەركىزى رايونلۇق رولى كۈنسېرى گەۋدىلىك ئىپادىلەنمەكتە. ئۈرۈمچى شەھىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى بولۇش سۈپىتىدە 2018‏-يىلى چىقارغان 269‏-نومۇرلۇق ‹نوپۇس ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى ئىلگىرىلەپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى› غا ئاساسەن شەھەر نوپۇسىنىڭ كېڭىيىشىنى تېزلىتىپ، 2020‏-يىلى شەھەر نوپۇسىنى 10 مىليونغا، شەھەر كۆلىمىنى 800 كۋادرات كىلومېتىرغا كېڭەيتىشتەك ئىستراتېگىيىلىك نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش تەلەپ قىلىنماقتا» دېيىلگەن. 

ئۇقتۇرۇشتا قەيت قىلىنىشىچە، دائىرىلەر بۇ ئىستراتېگىيىلىك نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى كارخانا، شىركەتلەرنى 14‏-ئىيۇن كۈنى سۆھبەت يىغىنىغا چاقىرىپ، ئۆي-مۈلك بازىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سۈرۈش، ئۇنى قايتا جانلاندۇرۇشنى مۇزاكىرە قىلىشنى قارار قىلغان. ئۇقتۇرۇشتا يەنە ھەر قايسى ئۇيۇشما ۋە كارخانىلارنىڭ ئالاقە سۇپىسى قۇرۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنى ۋاقتىدا، ئەتراپلىق مەبلەغ سېلىش ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلىشى ئۈچۈن بۇ يىغىنغا تەكلىپ قىلىنغانلىقى تەكىتلەنگەن. 

خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى رەسمىي نوپۇس ستاتىستىكىلىرىدا ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رەسمىي نوپۇسى 2 يېرىم مىليوندىن ئارتۇق كۆرسىتىلگەن. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بىر يىل ئىچىدە قانداق قىلىپ ئۇنىڭ نوپۇسىنى 10 مىليونغا يەتكۈزىدىغانلىقى مەلۇم ئەمەس. بەزى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئامېرىكا-خىتاي سودا ئۇرۇشى كەسكىنلىشىپ، خىتاي ئىقتىسادى ۋە ئۇنىڭ بىر بەلۋاغ بىر يول ئىستراتېگىيىسى ئېغىر خىرىسقا دۇچ كەلگەن بىر ۋاقىتتا ئۇنىڭ بۇ پىلاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى تېخىمۇ مۈشكۈل ئىكەن.

كۆزەتكۈچىلەر، ئەمەلىيەتتە شەھەرلىك ئۆي باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ بۇ ئۇقتۇرۇشى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئۆي-مۈلك تەرەققىياتى جىددىي خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلاپ بېرىدۇ، دەپ قارىماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.