ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەت «قاتناشنى ئېچىش» ھەققىدە قارار ئالغان

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2022.11.27
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرىشىدىكى «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ 27-نويابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھرىدىكى تۆمۈريول، ئاۋىئاتسىيە ۋە ئاممىۋى قاتناش ئاپتوبۇسلىرىغا قارىتا ئىجرا قىلىنىۋاتقان «توختىتىپ قويۇش» چارىسىنىڭ تەدرىجى ئەمەلدىن قالدۇرىلىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، شۇ كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئاخبارات ئىشخانىسى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ: «نۆۋەتتىكى ۋىرۇسنى كونترول قىلىش ۋەزىيىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى ئۇنىۋېرسال باھالاش ئارقىلىق ئۈرۈمچى شەھەرلىك ۋىرۇسنى كونترول قىلىش قوماندانلىق ئىشخانىسى شۇنى قارار قىلدىكى، 28-نويابىردىن باشلاپ ۋىرۇسنى كونترول قىلىش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئىجرا قىلغان ئالدىنقى شەرت ئاستىدا ھاۋا، تۆمۈريول، تاكسى ۋە ئاپتوبۇس قاتنىشى تەدرىجى ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ» دەپ ئېلان قىلغان.

ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋىرۇس يۇقۇمى ھەققىدىكى ئۇچۇرلىرىدا كۆرۈلۈۋاتقان كۆپلىگەن زىددىيەتلىك مەلۇماتلار ھەر ساھەنىڭ بۇ مەسىلىگە بولغان كۈچلۈك گۇمانلىرىنى قوزغاپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ 27-نويابىردىكى ئوبزور ماقالىسىدە ئېيتىلىشىچە، ئىككى كۈن ئىلگىرى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى دائىرىلەر بىر قىسىم ئولتۇراق رايونلاردا يۇقۇم خەۋپىنىڭ تۆۋەن ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان ھەمدە بىر قىسىم رايونلارنى ئېچىۋېتىش ھەققىدە قارار چىقارغان. ئەمما ئۈرۈمچىدىكى باشقا كۆپ قىسىم رايونلاردا ۋىرۇسقا قارشى تۈرلۈك تەدبىرلەر داۋاملىق قاتتىق قوللۇق بىلەن ئىجرا قىلىنغان ھەمدە بۇ جايلاردا ھازىرچە ۋىرۇسقا قارشى چارىلەرنىڭ بىكار قىلىنمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

نۆۋەتتە خىتايدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋىرۇسنى كونترول قىلىشىغا مۇناسىۋەتلىك كۆپلىگەن ۋىدىيولار تارقىلىپ يۈرگەن بولۇپ، «قاتناشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش» چارىسى «خەلق ئاممىسىنىڭ نۆۋەتتىكى ھۆكۈمەتكە بولغان غەزىپىنى بېسىش تەدبىرلىرىنىڭ بىرى بولۇشى مۇمكىن» دېگەن تەخمىنلەر ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقى مەلۇم. 

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.