ئۈرۈمچىدە خەلقئارا سودا مەركىزى بەرپا قىلىش پىلانلانغان

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2016.03.29

خىتاي دائىرىلىرى ئۈرۈمچىدە «خەلقئارا سودا ئوبوروت تەرەققىيات مەركىزى» بەرپا قىلىدىغانلىقىنى ۋە شەرقىي ياۋروپا ئۇسلۇبىدىكى رېستۇرانلارنىڭ ئۈرۈمچىدە تىجارەت باشلىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خىتاينىڭ شىنجاڭ خەۋەرلەر تورىنىڭ 29- مارتتىكى خەۋىرىدە، ئۈرۈمچى يۇقىرى تەرەققىيات رايونىدا شەرقىي ياۋروپا ئۇسلۇبىدىكى تۇنجى رېستۇران گروزىيە رېستۇرانىنىڭ تىجارەت باشلىغانلىقى ۋە بۇ رېستۇراننىڭ ئۈرۈمچىدە قۇرۇش پىلانلانغان «خەلقئارا سودا ئوبوروت مەركىزى» نىڭ تۇنجى قەدىمى ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان.

خىتاينىڭ شىنجاڭ تېلىۋىزىيىسىنىڭ 29- مارتتىكى خەۋىرىدە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ «يىپەك يولى» ئىقتىساد بەلبېغىدىكى خەلقئارا سودا ئوبوروت مەركىزى قىلىپ بېكىتىلگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان.

خەۋەردە خەلقئارا سودا ئوبوروت مەركىزى پىلانىغا كىرگۈزۈلگەن ئۈرۈمچىدە كەلگۈسى بەش يىلدا «ئۇلانباي» خەلقئارا ئوبوروت بازىسى قاتارلىق چوڭ تىپتىكى ئوبوروت باغچىسى قۇرۇش، خەلقئارا توقۇلما بۇيۇملىرى كىيىم - كېچەك سودا مەركىزىنىڭ يادرولۇق رايونىنى بەرپا قىلىش قاتارلىق بىر قىسىم سودا ئوبوروتى ئۇل ئەسلىھە تۈرى يولغا قويىلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

خىتاي تەشۋىقاتىدىكى خەلقئارا يىپەك يولى سودا مەركىزى قۇرۇلۇشى خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرى ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغاۋاتقان بولۇپ، كەلگۈسى 5 يىلدا قۇرۇلۇش پىلانلانغان خەلقئارا سودا مەركىزى تىجارىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن نەپ ئېلىش-ئالالماسلىق مەسىلىسى ۋە ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بېرىۋاتقان قارشىلىق ھەرىكەتلىرى سەۋەبلىك رايون ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىم بولۇش-بولماسلىقى نۆۋەتتە مۇنازىرە تېمىسى بولماقتا.
4

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.