خىتاي دائىرىلىرى «ئۈرۈمچى ۋاقتى» نى ئىشلەتكەن بىر ئۇيغۇرنى «تېررورلۇق» گۇمانى بىلەن ئەيىبلەپ تۇتقۇن قىلغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018.09.10

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ «ئۈرۈمچى ۋاقتى» نى ئىشلەتكەن ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى. كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى سائىتىنى «ئۈرۈمچى ۋاقتى» غا توغرىلاپ قويغان بىر ئۇيغۇرنى «تېررورلۇق» گۇماندارى، دەپ تۇتقۇن قىلىپ، يىغىۋېلىش لاگېرغا يوللاپ بەرگەن.

مەزكۇر خەۋەر دۇنيادىكى نوپۇزلۇق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرى بولغان-كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

دوكلاتتا، نۇر ئىسىملىك بىر سابىق ئۇيغۇر مەھبۇسنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، نۇر سائىتىنى «ئۈرۈمچى ۋاقتى» غا توغرىلاپ قويغانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغان بۇ ئۇيغۇر مەھبۇس بىلەن ئۇچراشقان. نۇر چەتئەل تەۋەلىكىگە ئۆتكەن ئۇيغۇر بولۇپ، ئۇ ئىلگىرى ئۇيغۇر رايونىغا زىيارەتكە بارغاندا تۇتقۇن قىلىنىپ، خىتاي ئامانلىق دائىرىلىرى تەرىپىدىن سوراق قىلىنغان ۋە بىر مەزگىل سولاپ قويۇلغان ئىكەن. ئۇ يۇقىرىقى ۋەقەنى كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىغا ئۆزىنىڭ تۈرمىدىكى ھاياتى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەندە ئاشكارىلىغان.

نۇر كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىغا بەرگەن مەلۇماتىدا، «مەن سائىتىنى ئۈرۈمچى ۋاقتىغا توغرىلاپ قويغانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغان بىرىنى بىلىمەن. ئۇلارنىڭ دېيىشىچە ئۇنىڭ ھەرىكىتى بۇ كىشىنى تېررورلۇق گۇماندارىغا ئايلاندۇرۇپ قويغان» دېگەن. كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ «ئىدېئولوگىيەلىك ۋىرۇسلارنى تازىلاش: خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلارغا قارشى ئېلىپ بارغان باستۇرۇشى» سەرلەۋھىلىك مەزكۇر دوكلاتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى مۇسۇلمان تۈركىي خەلقلەرگە قارىتا كەڭ كۆلەملىك ۋە سىستېمىلىق ھەرىكەت ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپلىق قىلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى «كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىۋاتقانلىقى، تەن جازاسى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى، خورلاۋاتقانلىقى ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشنىڭ بارلىق ساھەلىرىنى بارغانچە قاتتىق كونترول قىلىۋاتقانلىقىغا دائىر يېڭى دەلىللەرگە ئېرىشكەن».

دوكلاتتا يەنە، خىتاي تۈرمىسىدە يېتىپ چىققان سابىق ئۇيغۇر مەھبۇسلىرى زىيارەت قىلىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرمە ۋە تەربىيەلەش لاگېرلىرىدا مەھبۇسلار ياكى تۇتقۇنلارغا جىسمانىي ۋە پسىخولوگىيەلىك تەن جازاسى بېرىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. لېكىن دوكلاتتا، «ئۈرۈمچى ۋاقتى» نى ئىشلەتكەنلىكى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنىپ، يىغىۋېلىش لاگېرىغا يوللاپ بېرىلگەن يۇقىرىقى كىشىنىڭ ئىسمى، قاچان تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ۋە قايسى لاگېردا تۇتۇپ تۇرۇلغانلىقىنى تىلغا ئېلىنمىغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.