ئۈرۈمچى شەھىرىدە 33 يەردە «يىغىۋېلىش لاگېرى» نىڭ بارلىقى ئالغا سۈرۈلمەكتە
2018.04.23
ئۇيغۇر دىيارىدا بارغانسېرى يۇقىرى پەللىگە چىقىۋاتقان «يېپىق شەكىللىك تەربىيىلەش» دولقۇنىدا مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ لاگېرلارغا سولانغانلىقى مەلۇم. ئەمما رايوندا زادى قانچىلىك ساندا «تەربىيىلەش لاگېرى» نىڭ تەسىس قىلىنغانلىقى تېخىچە نامەلۇم.
يېقىندا «چەكلەنگەن خەۋەرلەر» تورىدا ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى بىر ئۇچۇردا «ئۈرۈمچى شەھىرىدە 33 ئورۇندا مۇشۇ خىلدىكى يىغىۋېلىش لاگېرى تەسىس قىلىنغان،» دەپ كۆرسىتىلگەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ھازىر سىلىقلاشتۇرۇپ «سىياسىي تەربىيىلەش مەركىزى» دەپ ئاتىلىۋاتقان ئورۇنلاردا دۆلەت مەمۇرىي خادىملىرىنىڭ، ھۆكۈمەت «چېكىت ئۇرۇپ قويغان» بارلىق شەخسلەرنىڭ شۇنداقلا دىنىي ئېتىقادقا چېتىشلىق كىشىلەرنىڭ مېڭىسىنى يۇيۇش خىزمىتى جىددىي داۋام قىلماقتا ئىكەن. شۇڭا ئۇلار بۇ ئورۇنلارنى تىلغا ئالغاندا «تەربىيىلەش مەركىزى» دېيىشنىڭ ئورنىغا «يىغىۋېلىش لاگېرى» دېگەن سۆزىنى قوللانغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە چېن چۇەنگو «مىليونغا يېقىن كىشىنى گۆرۈگە ئېلىۋېلىپ، پۈتكۈل شىنجاڭنى ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئايلاندۇرۇپ بولدى،» دېيىلگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدىكى بارلىق شەھەر، ناھىيە ۋە يېزىلارغىچە ئومۇملاشقان «سىياسىي جەھەتتىن تەربىيىلەش»، قاتمۇ-قات تەكشۈرۈش نۇقتىلىرىدىن ئۆتۈش، قەدەمدە بىر كىملىك تەكشۈرۈش قاتارلىق «بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى» نى ئىجرا قىلىش جەريانىدا چېن چۇەنگو باشچىلىقىدىكى «قان شورىغۇچى گۇرۇھ» قا نەپرەتلىنىپ كېلىۋاتقان دۆلەت مەمۇرىي خادىملىرىنى «فاشىستىك تۈزۈم سەۋەبىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىدىن باشقىلارغا زىيانكەشلىك قىلغۇچىلارغا ئايلانماقتا،» دەپ كۆرسىتىدۇ.
ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرۇپ، «نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇيغۇر بولغانلىقنىڭ ئۆزى خىتاي ئۈچۈن خەتەرلىك بىر كىملىك بولۇپ قالماقتا،» دېدى.