ھەبىب بانكىسىنىڭ ئۈرۈمچى تارماق بانكىسى ئېچىلدى
2016.09.21
ھىندىستاندا چىقىدىغان «ئىقتىساد ۋاقتى» گېزىتىنىڭ 21-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، پاكىستاندىكى ئەڭ چوڭ سودا بانكىسى بولغان ھەبىب بانكىسىنىڭ ئۈرۈمچى تارماق بانكىسى بۈگۈن رەسمىي ئېچىلغان. مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر تارماق بانكىنىڭ ئېچىلىشى ئۈرۈمچىدىكى «خىتاي-ياۋرو ئاسىيا كۆرگەزمىسى» ئېچىلىۋاتقان مەزگىلگە توغرا كەلگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ھەبىب بانكىسى بۇ قېتىمقى كۆرگەزمە جەريانىدا خىتاي تەرەپ بىلەن 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى ھەمكارلىق تۈرىگە ئىمزا قويغان.
پاكىستاندا نەشر قىلىنىدىغان «سودا خاتىرىلىرى» گېزىتىنىڭ مەلۇماتلىرىدا ئېيتىلىشىچە، مەزكۇر تارماق بانكىنىڭ ئېچىلىشى پاكىستاندىكى گۋادار پورتى بىلەن ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى قەشقەر شەھىرىنى تۇتاشتۇرۇش مەقسەت قىلىنغان 46 مىليارد دوللارلىق «خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورى» قۇرۇلۇشىنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن ئىكەن.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بايانلىرىغا قارىغاندا خىتاي بىلەن پاكىستاننىڭ مۇناسىۋىتى ئىزچىل ياخشىلىنىش ھالىتىدە تەرەققىي قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭ ئەڭ تىپىك ئىپادىسى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان ئىقتىسادىي جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقتا كۆرۈلۈۋېتىپتۇ.









