خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈرۈمچىدە جىڭجۈ تىياتىرخانىسى قۇرۇش پىلانى دىققەت قوزغىدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2018-01-19
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلار مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان تەڭرىتاغ رايونىدا زور كۆلەملىك جىڭجۈ تىياتىرخانىسى قۇرماقچى بولغانلىقى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى.

«شىنجاڭ خەۋەرلەر تورى» نىڭ 19-يانۋاردىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەدەنىيەت ئىدارىسى 18-يانۋار كۈنى بايانات بېرىپ، تەڭرىتاغ رايونىدا كۆلىمى 15 مىڭ كۋادرات مېتىر دائىرىدە جىڭجۈ تىياتىرخانىسى ۋە مەدەنىيەت مەركىزى قۇرۇلىدىغانلىقى، بۇنىڭغا 200 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

خەۋەردە يەنە ئۈرۈمچىدە زور كۆلەملىك جىڭجۈ تىياتىرخانىسى قۇرۇشنىڭ مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ، «جىڭجۈ تىياتىرى، يەنى خىتاي چاڭچىلىسىنى راۋاجلاندۇرۇش جۇڭخۇا مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنى داۋاملاشتۇرۇش، جىڭجۈ تىياتىرىنى مەكتەپلەرگە، ئاساسىي قاتلامدىكى ئامما ئارىسىغا ئومۇملاشتۇرۇپ، يېڭى مۇھىتتىكى زامانىۋى تۇرمۇشنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ئاممىۋى جىڭجۈ تىياتىرى مۇھىتى يارىتىش ئۈچۈندۇر،» دېيىلگەن.

خەۋەردە يەنە 1955-يىلى ئۈرۈمچىدە قۇرۇلغان جىڭجۈ تىياتىر ئۆمىكىنىڭ 2017-يىلى خەلق ئارىسىغا بېرىپ 63 قېتىم ئويۇن قويۇپ، مەزكۇر ئۆمەك قۇرۇلغاندىن بۇيانقى ئەڭ زور رېكورت يارىتىلغانلىقى مەدھىلەنگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى يېقىنقى يىللاردا ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا مۇناسىۋەتلىك ئۆرپ-ئادەتلىرى ۋە ئەنئەنىۋى مىللىي مەدەنىيەتلىرىنى «دىنىي ئاشقۇنلۇق» قالپىقى بىلەن چەكلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا مەكتەپ، يەسلى ۋە ئاممىۋى سورۇنلاردا خىتاي مەدەنىيىتىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىش شۇنىڭدەك خىتايلاشتۇرۇشنى ئاساسىي مېلودىيەگە ئايلاندۇرۇشقا باشلىغان.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى بولغان ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلار رايونىدا خىتاي چاڭچىلىسىگە زور مەبلەغ سېلىپ، ئۇنى ئۇيغۇر دىيارىدا ئومۇملاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇشى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە پائالىيەتچىلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرۇپ، «خىتاي دائىرىلىرى شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك خەلقلەرنىڭ ئەنئەنىۋى مىللىي مەدەنىيىتىنى ۋەيران قىلىش بەدىلىگە ‹جۇڭخۇا مەدەنىيەت بىرلىكى› دېگەن سەپسەتە بىلەن ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشقا ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە،» دېدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت