ئۈرۈمچىدىكى مېترو قاتنىشى خادىملىرىنى مەخسۇس تەربىيىلەش باشلىنىدۇ

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2017.06.18

ئۈرۈمچى شەھىرىدە يولغا قويۇلىدىغان مېترو قاتنىشى ساھەسىدىكى تۇنجى تۈركۈمدىكى مەخسۇس تەربىيە كۆرگەن خادىملارنى تەييارلاش خىزمىتى باشلىنىپ، دەسلەپكى قەدەمدە 740 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنى ئوقۇتۇش قارار قىلىنغان.

ئۈرۈمچىدىكى مېتروغا مەسئۇل ئۈرۈمچى شەھەرلىك رېلىسلىق قاتناش گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى مېترو كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى كۆپەيتىش، مېترو ترانسپورت تىجارىتى خادىملار قوشۇنىنى ئالدىن-ئالا تەييارلاش ئۈچۈن، شىنجاڭ قاتناش كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتى، ۋۇخەن تۆمۈريول تېخنىكا تەربىيىلەش ئىنستىتۇتى ۋە باشقا بىر قىسىم ئالىي مەكتەپلەر بىلەن بىرلىشىپ، بۇ يىل ئۇيغۇر دىيارى بويىچە 748 نەپەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىپ ئوقۇتۇش ئۈچۈن تىزىملاش باشلىغان.

تەڭرى تاغ تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ئوقۇغۇچىلار، مېترو پويىزى ھەيدەش، يۈرۈشلەشتۈرۈشنى باشقۇرۇش، مېترو پويىزىنى تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىش، خەۋەرلىشىش سىگنالى، تۆمۈريول قۇرۇلۇشى قاتارلىق كەسىپلەر بويىچە ئوقۇيدىكەن. قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ 2017-يىلى، ئوتتۇرا مەكتەپ پۈتتۈرگەنلەر بولۇشى بېكىتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى مەزكۇر تۇنجى مېترو قاتنىشى كەسپى بويىچە قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ مىللەت نىسبىتى نامەلۇم. ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، مۇنداق تېخنىكىلىق كەسىپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا كۆپىنچە ھاللاردا خىتاي مىللىتىدىن بولغان ئوقۇغۇچىلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، مەسىلەن ئاۋىئاتسىيە كەسپى ۋە پويىز ھەيدەش قاتارلىق كەسىپلەر بويىچە مەخسۇس تەربىيىلەنگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى چەكلىك بولۇپ كەلگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.