ئۈرۈمچىدە پويىز بېلىتى سېتىشنىڭ ۋاقىتلىق توختىتىلىشى كۈچلۈك دىققەت قوزغىماقتا

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018.09.27

خىتاي ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تۆمۈر يول دائىرىلىرى پويىز بېلىتى سېتىشنى ۋاقىتلىق توختاتقان.

«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» ۋە خىتاينىڭ «سىنا تورى» قاتارلىق تاراتقۇلىرى 27-سېنتەبىر كۈنى خەۋەر تارقىتىپ، ئۇيغۇر رايونىدىكى يولۇچىلار پويىزىغا بىلەت سېتىشىنىڭ 10-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن ئېتىبارەن ۋاقىتلىق توختىتىلغانلىقىنى جاكارلىغان. ئۇقتۇرۇشتا بېلەت سېتىشنىڭ قاچان ئەسلىگە كېلىدىغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىگەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تۆمۈر يول دائىرىلىرى پويىز بېلىتى سېتىشنى ۋاقىتلىق توختىتىش قارارىنىڭ تۆمۈر يول قاتناش لىنىيەسىدىكى بەزى ئۆزگىرىشلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ ھادىسە چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەر ئارىسىدا كۈچلۈك گۇمان قوزغىماقتا.

خىتايچە چىقىدىغان «دوۋېي خەۋەر تورى» دا ئېلان قىلىنغان بىر خەۋەردە چەتئەللەردىكى بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بۇنى ئۇيغۇر ئېلىدا چوڭ ۋەقە بولىدىغانلىقىنىڭ بېشارىتى دەپ گۇمان قىلىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. خەۋەردە يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يولغا قويغان «يېپىق تەربىيە» لاگېرلىرى نامىدىكى جازا لاگېرلىرى سەۋەبلىك خەلقئارانىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچراۋاتقانلىقى، ئەمما خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلىپ، ئۆزلىرىنى «تېررورلۇققا قارشى ئالاھىدە تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا تامامەن ھەقلىق» دەۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان.

ھالبۇكى، يەنە بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەر خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۈرۈمچىدە تۇيۇقسىزلا پويىز بېلىتى سېتىشنى توختىتىشى لاگېرلاردىكى تۇتقۇنلارنى خىتاي ئۆلكىلەرگە يۆتكەش ۋە تارقاقلاشتۇرۇش پىلانى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىماقتا. ئۇلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلاردا يېتىۋاتقان تۇتقۇنلارنىڭ تۈركۈم-تۈركۈملەپ خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى تۈرمىلەرگە يۆتكىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە بەزى مەلۇماتلار ئاشكارىلانماقتا ئىكەن. ئۇلار بۇ قېتىملىق پويىز بېلىتى سېتىشىنى توختىتىشنىڭ ئەنە شۇ مەخپىي يۆتكەش پىلانى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىنلىكىنى تەخمىن قىلماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.