ئۈرۈمچى تۆمۈر يول ئىدارىسى رايونىدا پىچاقلىق ھۇجۇم يۈز بەرگەنلىكى خەۋەر قىلىنماقتا

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2015-03-11
Share


چارشەنبە كۈنى ئۈرۈمچى تۆمۈر يول ئىدارىسى ئەتراپىدا پىچاقلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكى خەۋەر قىلىنماقتا. بۇ ھەقتىكى خەۋەر ئىجتىمائىي ئۇچۇر ئالاقە ۋاستىلىرىدا تارقالغاندىن كېيىن ئىستانسىمىز مۇخبىرلىرى ۋەقە بولغان رايوندىكى ئاھالىلارغا تېلېفون قىلىش ئارقىلىق شۇ كۈنى ھەقىقەتەن ۋەقە چىققانلىقىنى، ۋەقەدە ئادەم ئۆلگەنلىكىنى دەلىللىدى. بىراق ئۆلگەن ئادەملەرنىڭ سانى تېخى ئېنىقسىز.

دەسلەپ ئېنىقلانغان ئۇچۇردىن قارىغاندا، ۋەقە چارشەنبە كۈنى ئاخشىمى يۈز بەرگەن. بىر قانچە كىشى پىچاق بىلەن ئەتراپتىكىلەرگە ھۇجۇم قىلغان. ساقچىلار نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ ھۇجۇمچىلارنى تۇتقۇن قىلغان.

ھازىرچە ۋەقەنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبى ۋە ۋەقە پەيدا قىلغۇچىلارنىڭ كىملىكى تېخى ئېنىق بولمىسىمۇ، تۆمۈر يول ئىدارىسى ساقچىخانىسىدىكى بىر خادىم پىچاقلىق ھۇجۇمچىلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىن كەلگەن ياشلار ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت