ئۈرۈمچى دائىرىلىرى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئولتۇراقلىشىشىنى ئاسانلاشتۇرىدىغان «تەپسىلىي قائىدە» ئېلان قىلغان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2022.04.14

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈرۈمچىگە كۆپلەپ خىتاي كۆچمەنلەرنى يەرلەشتۈرۈش ئۈچۈن يېقىندا ئۈرۈمچىنىڭ نوپۇسقا ئېلىش خىزمەتلىرىنىڭ ئاسانلاشتۇرۇدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. 14- ئاپرىل كۈنى دائىرىلەر «ئۈرۈمچى شەھىرىگە نوپۇس كۆچۈرۈپ كىرىش سىياسىتىنى يولغا قويۇشتىكى تەپسىلىي قائىدە» نى ئېلان قىلىپ، سەككىز خىل نوپۇسقا ئېلىش ئۇسۇلىنىڭ ئىلتىماس قىلىش شەرتى ۋە كېرەكلىك ماتېرىياللىرىنى بەلگىلىگەن.

خىتايدىكى «خەلق تورى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يۇقىرىقى بۇ «تەپسىلىي قائىدە» دە، ئوقۇش تارىخى بويىچە نوپۇسقا ئېلىش، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى نوپۇسقا ئېلىش، ئاتالمىش «كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى» نى نوپۇسقا ئېلىش، «كەسپىي ماھارەت ئىختىساسلىقلىرى» نى نوپۇسقا ئېلىش، مەبلەغ سېلىش، ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىش بويىچە نوپۇسقا ئېلىش، ماكانلاشتۇرۇپ نوپۇسقا ئېلىش، ئەر-خوتۇن، پەرزەنت، قېرىنداشلار ئارا پاناھلاندۇرۇپ نوپۇسقا ئېلىش، ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ئەسكەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى نوپۇسقا ئېلىشتىن ئىبارەت سەككىز خىل نوپۇسقا ئېلىش ئۇسۇلى كۆرسىتىپ بېرىلگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2017- يىلىدىكى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ۋە لاگېرغا قاماش ھەرىكىتىدىن ئىلگىرى ئۈرۈمچىدە ھەرخىل كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ھالدا يۇرتلىرىغا قايتۇرۇپ، ئۈرۈمچىدىكى كۆچمە نوپۇستىكى ئۇيغۇرلارنى ئاساسەن تازىلاپ بولغان ئىدى. خىتاي دائىرىلىرى ئۇرۈمچىنى كەلگۈسىدە 5 مىليونلۇق نوپۇسقا ئىگە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ شەھەرگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن، ئىچكىرىدىن ئاتالمىش «ئىختىساسلىق خادىم»، «ئالىي مەكتەپ پىدائىيلىرى»، «مەبلەغ سالغۇچىلار» دېگەندەك ناملاردا تۈركۈملەپ خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۆتكەپ كېلىپ ئولتۇراقلاشتۇرۇشقا باشلىشى، دىققەت قوزغىماقتا.

چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر بۇنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئۆز زېمىنىدا خاتىرجەم ياشاش ھوقۇقى بەرمەي، ئۇلارنى تۇتقۇن قىلىش، سولاش، غايىپ قىلىش، ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى باھانىسىدا خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ تارقاقلاشتۇرۇشتەك ۋاستىلەر بىلەن يوقاتقاندىن كېيىنكى يەنە بىر ئاسسىىملاتسىيە سىياسىتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ «تەپسىلىي قائىدە» دە، نوپۇسقا ئالدۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرمەكچى بولغان ئاھالىلەر كىرەكلىك ماتېرىياللارنى ئېلىپ «نوپۇسنى كۆچۈرۈپ كىرىش ئىلتىماسىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش جەدۋىلى» نى تولدۇرسىلا، بەش خىزمەت كۈنى ئىچىدە «كۆچۈپ كىرىشكە رۇخسەت قىلىش ئىسپاتى» نى ئالالايدىكەن.

ھالبۇكى، ئەينى چاغدا ئۈرۈمچىدە خىزمەت قىلغان ۋە ئوقۇغان چەت ئەللىكلەر ئۈرۈمچىدە ۋاقىتلىق تۇرۇش كىنىشكىسى بىجىرىشنىڭ ئىنتايىن قېيىنلىقىنى، ئۇيغۇر كۆچمە نوپۇسلار ئۈچۈن بۇنداق رەسمىيەتلەرنىڭ تېخىمۇ قېيىنلىقىنى، ئۇلارنىڭ بارلىق ھۆججەتلىرى تولۇق بولسىمۇ، ئەمما كىنىشكا ئالالماي قاتتىق قىينىلىدىغانلىقىنى ئىنكاس قىلغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.