ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەرگە سۈت ئارقىلىق كومپارتىيە ئىدېئولوگىيىسى سىڭدۈرۈلمەكتە

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018-04-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۆسمۈرلەرگە سۈت ئارقىلىق كومپارتىيەنى سۆيۈش تەربىيىسى بېرىلىۋاتقانلىقى بۈگۈن خىتاي ھۆكۈمەت ئاخباراتىدا يەر ئالدى ھەمدە تېگىشلىك غۇلغۇلىغا سەۋەب بولدى.

خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىن «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» نىڭ 22-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر دىياردا ئوقۇش يېشىدىكى 240 مىڭ ئۆسمۈر «ھەقسىز سۈت» بىلەن تەمىنلەنگەن. مەزكۇر خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇ ئۆسمۈرلەر بۇ «سۈتلەردىن ھۇزۇر ئېلىش بىلەن بىرگە سۈت قېپىغا يېزىلغان پارتىيەنى مەدھىيىلەش ھەققىدىكى ناخشىلارنى ئېيتقان.»

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ تۈر ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئالاقىدار ھۆكۈمەت تارماقلىرى 15-ئاپرېلدىن باشلاپ ئىجرا قىلىشقا كىرىشكەن «ئالتە ياشتىن تۆۋەن ئۆسمۈرلەرگە ھەر كۈنى بىر قاپ سۈت تارقىتىش» پائالىيىتىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى ئىكەن. مەزكۇر سۈت قېپىنىڭ ئارقا يۈزىگە «پارتىيە مېنىڭ ئانام» ناملىق تېكىست مۇزىكا نوتىسى بىلەن بېسىلغان بولۇپ، «سۆيۈملۈك ۋە ئۇلۇغ پارتىيە ئانام ماڭا ئاق سۈت بېرىپ باقماقتا. مېنى ئىنقىلاب يولىغا باشلىماقتا،» دېگەن مەزمۇنلار ئاساسىي ئورۇننى ئىگىلەيدىكەن. بۇ شېئىرلار 1980-يىللىرى يېزىلغان بولۇپ، خىتايدا ئاللىقاچان كىشىلەر ئۇنتۇپ كەتكەن شېئىرلار ئىكەن.

مۇھاجىرەتتىكى ئالاقىدار پائالىيەتچىلەر بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرۇپ، «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەرگە سۈت بېرىش نامىدا سەبىيلەرگە ‹قىزىل تەربىيە تەشۋىقاتى› نى سىڭدۈرمەكچى بولغان. بۇ شەكلى ئۆزگەرگەن ئالدامچىلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس،» دېگەنلەرنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت