سانفرانسىسكو شەھىرىدە ئېچىلغان ئۇيغۇر ئاشخانىسى خېرىدارلارنىڭ دىققىتىنى تارتىشقا باشلىغان

مۇخبىرىمىز جۈمە
2015-10-03
Share

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، سانفرانسىسكو شەھىرىدە دادا-بالا ئۇيغۇرلار ئاچقان ئۇيغۇر ئاشخانىسى خېرىدارلارنىڭ دىققىتىنى تارتىشقا باشلىغان.

SFGATE يەنى «سان فرانسىسكو دەرۋازىسى» ناملىق تور بېتىدە خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر ئاشخانىغا «ئۇيغۇر تائاملىرى» دەپ نام بېرىلگەن بولۇپ، ئاشخانا سانفرانسىسكو شەھىرىنىڭ سانسەت رايونىغا جايلاشقان بىر قاۋاقخانا ئىچىگە ئېچىلغان.

خەۋەرگە قارىغاندا، بۇ دادا-بالا خوجايىنلار ئاشخانىدا لەڭمەن، مانتا، پولۇ، گۆشنان ۋە توخۇ قوردىقى قاتارلىق تاماقلارنى چىقىرىشقا باشلىغان.

خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، بۇ ئاشخانا ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىدا ياخشى باھاغا ئېرىشىپلا قالماستىن، يەرلىك دۇكان-ساراي، رېستوران -ئاشپۇزۇللارنى باھالايدىغان Yelp، Chowhoundقاتارلىق ئىنتېرنېت بەتلىرىدە بۇ ئاشخانا ھەققىدە قىزغىن قوللاش پىكرى قاينىغان. كۆپىنچىلەر ئاشخانىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىگەن ۋە خۇرسەن بولغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

ئاشخانا ھەققىدىكى خەۋەردە ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىر نۇقتا بولسا، خەۋەر ئاپتورى ئۇيغۇر تائاملىرىنى تونۇشتۇرغاندا ئۇيغۇر تاماق مەدەنىيىتىنىڭ خىتاينىڭكىگە تۈپتىن ئوخشىمايدىغانلىقىنى، ئۇنىڭدا قىسمەت شەرقىي ئاسىيا پۇرىقى بولسىمۇ، ئەمما تۈپ جەھەتتىن يىپەك يولى جۈملىدىن ئورتا ئاسىيا تائام مەدەنىيىتى بىلەن بىر تۇتاش ئىكەنلىكى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت