ئاياللىرى «يېپىق تەربىيە لاگېرى»دىكى گىلگىت - بالتىستانلىق ئەرلەر پاكسىتان - خىتاي چېگراسىنى تاقايدىغانلىقىنى جاكارلىدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018-03-27
Share

ئۇيغۇر ئاياللارغا ئۆيلەنگەن 50 تىن ئارتۇق گىلگىت-بالتىستانلىق ئەر ئۇيغۇر ئېلىدىكى «تەربىيەلەش لاگېرى»غا تۇتۇپ كېتىلگەن ئاياللىرىدىن يەنە خەۋەر ئالالمىسا پاكىستان - خىتاي چېگرىسىنى تاقايدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدىكى «يېپىق تەربىيەلەش لاگېرلىرى» سەۋەبىدىن ئايالى ۋە بالىلىرىدىن ئايرىلغان 50 تىن ئوشۇق گىلگىت - بالتىستانلىق ئەر داۋا قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن دەرھال ئاياللىرى ۋە بالىلىرىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، بىر نەتىجىسى كۆرۈلمىگەن ئىدى.

پاكىستاننىڭ «دۆلەت» گېزىتىنىڭ 27-مارت كۈنى خەۋەر قىلىشىچە،  گىلگىت - بالتىستان رايونىدىكى ھەرقايسى سىياسىي ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار، تىجارىي ئورگانلار بىرلىكتە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى گىلگىت - بالتىستانلىقلارنىڭ ئاياللىرىنى تۇتۇپ تۇرۇشنى داۋام قىلغان تەقدىردە، خىتاي بىلەن بولغان بارلىق تىجارىي ئالاقىلەرنى بايقۇت قىلىدىغانلىقىنى ۋە پاكسىتان - خىتاي چېگرىسىنى تاقايدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

گىلگىت - بالتىستانلىقلار ئورتاق باياناتىدا يەنە پاكىستان ھۆكۈمىتىنى قەشقەردە ئىشخانا ئېچىپ، پاكىستانلىق تىجارەتچىلەر دۇچار بولغان بۇ مەسىلىنى دەرھال بىر تەرەپ قىلىشقا چاقىرغان.

گېلگىت-بالتىستان پارلامېنتى يېقىندا ىر قارار لايىھەسى ماقۇللاپ، پاكىستان فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىدىن 50 نەپەر گېلگىتلىق ئەرنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىدىن بولغان ئاياللىرىنىڭ« تەربىيەلەش لاگېرى»دىن قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئاياللىرى يېپىق «تەربىيەلەش»كە تۇتۇپ كېتىلگەن گېلگىت-بالتىستانلىق ئەرلەر بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بېرى ئايالىرى ۋە بالىلىرىدىن خەۋەر ئالالمايۋاتقان بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرى ئەينى ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە تۇرۇشلۇق قەغىزىنى بىكار قىلىپ چېگرىدىن چىقىرىۋەتكەن.ئۇلارنىڭ قولىدا قانۇنلۇق ۋىزىسى بار بولسىمۇ، خىتاي چېگرا دائىرىلىرى ئۇلارنى چېگرىدىن قايتا كىرگىلى قويمىغان.گىلگىت - بالتىستان پاكىستان خەلق پارتىيىسى باشلىقى ئامجاد ھۈسەيىن «دۆلەت» گېزىتىگە قىلغان سۆزىدە، پاكىستاننىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسنىڭ ھازىرغىچە بىر تەدبىر قوللانمىغانلىقىنى ئەيىبلىگەن ۋە « بۇ گىلگىت - بالتىستانلىقلار ئۈچۈن جىددىي بىر مەسىلە، بىر تەرەپ قىلىنمىغان تەقدىردە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە ئېغىر زىيانلارنى پەيدا قىلىدۇ» دېگەن.

ئۇلارنىڭ بۇ پاجىئەلىك ھىكايىسى بۈگۈن يەنە فرانسىيە ئاگېنتلىقى، خوڭكوڭ ئەركىن مەتبۇئاتى قاتارلىق ئاخباراتلاردىمۇ ئورۇن ئالدى. خەۋەرلەردە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە قاتتىق قول بېسىم سىياسىتى يۈرگۈزۈپ، يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇرنى« تەربىيەلەش لاگېرلارلىر»ىغا سولاۋاتقانلىقى ۋە ئۇلارغا ۋەتەنپەرۋەرلىك سىياسىي ئىدىيە تەربىيەسى بېرىۋاتقانلىقى بايان قىلىندى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت