خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىنى زور كۆلەمدە تۇغماس قىلىۋاتقانلىقى خەلقئارا ئاخباراتلاردا دىققەت قوزغىدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2021-04-15
Share

ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن پىلانلىق ۋە سىستېمىلىق ھالدا تۇغماس قىلىنىۋاتقانلىقى ياپونىيە ۋە ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىنىڭ زور دىققىتىنى قوزغىدى. يېقىندا ياپونىيەنىڭ نوپۇزلۇق گېزىتلىرىدىن بولغان «سانكەي شىمبون» خەۋەر تورى ئۇيغۇر ئېلىدا ئاياللار بۆلۈمى دوختۇرى بولۇپ خىزمەت قىلغان گۈلگىنە خانىمنى زىيارەت قىلىپ بۇ ھەقتە مەخسۇس خەۋەر تارقاتقان.

گۈلگىنە خانىم ئۈرۈمچىدە مەزگىلىدە خىزمەت قىلغان دوختۇرخانىدا ئۆزىنىڭ تۇغماس قىلىش ئوپېراتسىيەلىرىگە بىۋاستە قاتناشقانلىقىنى ئېيتىپ «بەزى ۋاقىتلاردا دوختۇرخانىدا بىر كۈندىلا 80 قېتىم تۇغماس قىلىش ئوپېراتسىيەسى قىلىناتتى» دېگەن.

ئۇ يەنە نۇرغۇن ئاياللارنىڭ يۈك ماشىنىسىنىڭ كەينىگە سېلىنىپ دوختۇرخانىغا ئەۋەتىلەتتى، 5 مىنۇت كېتىدىغان بۇ ئوپېراتسىيەدە ئاياللار ئۆزلىرىگە نېمە بولىدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان. گۈلگىنە خانىم يەنە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىنى تۇغماس قىلىش سىياسىتىنى 1980-يىللاردىن تارتىپلا ئىجرا قىلغان بولسىمۇ، بىراق 2014-يىلىدىن كېيىن بۇنىڭ مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە ئاشقانلىقىنى ئېيتقان.

گۈلگىنە خانىم بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بۇ سۆھبەت 14-ئاپرىل كۈنى يەنە، ئامېرىكادىكى نوپۇزلۇق گېزىتلەردىن بولغان «خەۋەر ھەپتىلىكى» دىمۇ تارقىتىلغان. خەۋەردە، گۈلگىنە خانىمنىڭ ياپونىيە گېزىتىگە بەرگەن گۇۋاھلىقىدىن سىرت، تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنزنىڭ مەخسۇس دوكلاتىمۇ تىلغا ئېلىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى ئىسپاتلىرى بىلەن بايان قىلىنغان.

ئادرىيان زېنز 2020-يىلى 6-ئايدا ئېلان قىلغان مۇھىم دوكلاتىدا خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە بەزى يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ئۆزى ئېلان قىلغان ھۆججەت ۋە ئىستاتېستىكىلارغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ، 2019-يىلى ئۇيغۇر رايونىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللارنىڭ كەم دېگەندە 80% تىگە ئۈزۈك سېلىپ ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش تەدبىرى ئېلىنغانلىقىنى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 2017-يىلدىن بۇرۇن خىتايدىكى تۇغۇش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى رايون بولسىمۇ، 2017-يىلدىن باشلاپ خىتايدىكى تۇغۇش نىسبىتى ئەڭ تۆۋەن رايونغا ئايلانغانلىقى ئاشكارىلىغان. ئەينى چاغدا بۇ دوكلات ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈلۈۋاتقانلىقىنىڭ دەسلەپكى ئىسپاتلىرى سۈپىتىدە زور خەلقئارالىق ئىنكاس قوزغىغان.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت