خىتاي ھۆكۈمىتى «ئاياللار ۋەتەنپەرۋەرلىكى» تەشۋىقاتىنى باشلىدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2021-09-06
Share

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئ‍ۈزۈلمەستىن داۋام قىلىۋاتقان سىياسىي تەشۋىقاتلىرىدىكى بىر مەزمۇن يېقىندا ئاقسۇ ۋىلايىتىدە باشلانغان «ئاياللار ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى بازىسى» قۇرۇلۇشىدا ئەكس ئېتىشكە باشلىدى.

«ئاقسۇ گېزىتى» نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى تۇنجى «ئاياللار ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى بازىسى» ئاقسۇ شەھرىنىڭ ئېگەچى يېزىسىدا ئېچىلغان. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ پارتىيە سېكرېتارى ۋاڭ لىشيا بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان ھەمدە سۆز قىلىپ «بۇ خىل بازىلار ئارقىلىق جۇڭخۇا كىملىكى ئېڭىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ھەمدە قىزىل ئەنئەنىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش لازىم» دېگەن. شۇنىڭدەك بۇ خىل تەربىيە بازىلىرىنى پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارىغا كېڭەيتىش لازىملىقىنى تەكىتلىگەن.

ئەمما مۇھاجىرەتتىكى بىر قىسىم ئانالىزچىلار بۇنىڭ ئەمەلىيەتتە يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «جۇڭخۇا كىملىكى» دەپ ئاتالغان خىتاي كىملىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئامېرىكادىكى مۇستەقىل ئانالىزچى ئېلشات ھەسەن بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ: «خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي كىملىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى بىر مۇھىم قەدەم سۈپىتىدە ئۇيغۇر قىز-چوكانلىرىنى شەرقىي تۈركىستانغا كۆچۈپ كەلگەن خىتاي ئاققۇنلىرى بىلەن توي قىلىشقا مەجبۇرلاۋاتىدۇ. ئەمدى ئۇلارنىڭ بۇ خىل تەربىيە بازىسى قۇرۇشى مۇشۇ خىلدىكى فاشىستىك تاجاۋۇزچىلىق قىلمىشلىرىنى تېخىمۇ كېڭەيتىش ۋە قانۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ،» دېدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت