ئۈرۈمچىدە «جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش» بويىچە ئاياللار بىرلەشمىسى خىزمەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2021.09.15

خىتاي شىنخۇا تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 9-ئاينىڭ 13-كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى مەزكۇر بىرلەشمىنىڭ رولىنى كۈچەيتىپ، «جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش» خىزمىتىنى پۇختا ئېلىپ بېرىش ئۈچۈش، «ئۆگىنىش، ئويلىنىش، سىناق قىلىش، تەسىرات ئېلىش» لېكسىيە پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن.

بۇ پائالىيەتتە ئاقسۇ ئۇچتۇرپان ناھىيە ئىماملىرىم يېزا بازارلىق دۆلەت تىلى باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ مۇدىرى، قىزىل ئاكتىپلىقى بىلەن تونۇلغان «مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزاسى» ۋە «ئەمگەك نەمۇنىچىسى» قۇربان نىياز «خىتاي مەدەنىيىتىنى ئائىلىلەرگىچە ئېلىپ كىرىش» تېمىسىدا نەق مەيدان لېكسىيەسى بەرگەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى پارتكومىنىڭ سېكرىتارى ۋاڭ لىشىيا بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىپ، «جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى چوڭ ۋە سىستېمىلىق بىر قۇرۇلۇش دەپ بىلىپ، ھەر مىللەت ئاياللىرىنى خىتايلار بىلەن شەرەپتىمۇ نومۇستىمۇ، ھاياتتىمۇ ماماتتىمۇ بىللە بولىدىغان، تەقدىرداش كىشىلەردىن قىلىش كېرەك؛ ئاياللارنىڭ ئائىلە ۋە جەمئىيەتتىكى ئالاھىدە رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئاياللار ۋە بالىلار تەربىيەسى خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك» دەپ تەكىتلىگەن.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتالمىش «جۇڭخۇا مەدەنىيىتى» ئارقىلىق «شىنجاڭنى ئوزۇقلاندۇرۇش» قۇرۇلۇشى ئائىلىلەرگىچە سىڭىپ كىرىۋاتقان بولۇپ، تۈرمە ياكى لاگېرلارغا سولانغان تۈركۈمدىكى ئەرلەر تۈرمىدە مېڭە يۇيۇش زۇلۇمىغا ئۇچراۋاتقان بولسا، سىرتتا قالغان ئاياللار بىلەن بالىلار خىتايلاشتۇرۇش ئىدىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئاساسلىق نىشانغا ئايلىنىپ قالغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.