«ئۇيغۇر بىرلىكى» دۇنيا ئىلىم ساھەسىگە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدە مۇراجىئەت يوللىدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2021-03-04
Share

خىتاي سىرتىدىكى ھەر ساھە ئالىملىرى ۋە تەتقىقاتچىلىرىنىڭ خالىس ئۇيۇشۇشى بىلەن تەشكىللەنگەن «ئۇيغۇر بىرلىكى» جەمئىيىتى 3-مارت كۈنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بارلىق خادىملارغا ئوچۇق مۇراجىئەت يوللاپ، ئۇلارنى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇشقا بىر كىشىلىك ھەسسىسىنى قوشۇشقا چاقىردى.

ئوچۇق مۇراجىئەتنامىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ جانلىق پاكىتلىرى چۈشىنىشلىك بايان قىلىنىش بىلەن بىرگە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان تۈرلۈك ھۆججەتلەرنىڭمۇ نۆۋەتتىكى قىرغىنچىلىقنى ئەكس ئ‍ەتتۈرىدىغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەندى. شۇنىڭدەك دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئالىملارنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل ۋەھشىيانە قىرغىنچىلىقىنى ئەيىبلەش ھەمدە ئۇيغۇرلارنى ھېمايە قىلىشقا چاقىردى. مۇراجىئەتنامىدا «ئۇيغۇرلارمۇ ئىنسان. ئۇلارنىڭ سىزدەك ۋە بىزدەك سانسىزلىغان ئالىملىرى لاگېرلاردا كۆزدىن غايىپ بولماقتا. ئەمدى بىزنىڭ ۋىجدانىمىزغا سوئال قويىدىغان ۋاقتىمىز كەلدى،» دېيىلگەن.

مۇراجىئەتنامىدا ئۇيغۇرلارغا خىتاپ قىلىنىپ، ئۇلارنىڭ ھېچقاچان يالغۇز ئەمەسلىكى، ئۆزلىرىنىڭ ھەرقاچان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن كۆكرەك كېرىپ ھەققانىيەتنى ياقلايدىغانلىقى ئ‍الاھىدە تەكىتلەندى. ئۇلار يەنە خىتاي ئالىملارغىمۇ خىتاب قىلىپ، بۇ چاقىرىقنىڭ خىتايلارغا قارشى خىتاب ئەمەسلىكىنى، ئەكسىچە ئىنسانىيەتكە قارشى قەبىھ زۇلۇمنى ئىجرا قىلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىدەك بىر زالىم ھۆكۈمەتنى ئەيىبلەشنىڭ ئۇلارنىڭمۇ مەجبۇرىيىتى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن.

مۇراجىئەتنامىنىڭ ئاخىرىدا ئىلمىي تەتقىقات ئورۇنلىرىدىن باشقا يەنە ئاخبارات، تەنتەربىيە، سودا شىركەتلىرى ھەمدە ھۆكۈمەتلەرنىڭمۇ بۇ ئىشقا ھەسسە قوشۇشى لازىملىقى تەكىتلەندى. شۇنىڭدەك «ئىلمىي جەمئىيەت بۇ خىل قىرغىنچىلىققا ئەمدى سۈكۈت قىلالمايدۇ. كۆرمەسكە سېلىپمۇ ئولتۇرالمايدۇ. چۈنكى ئەمدى ھەركەتكە ئۆتىدىغان پەيت يېتىپ كەلدى،» دەپ كۆرسىتىلگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت