ئۇيغۇر بوكس ماھىرلىرى يېڭى نەتىجىلەرنى ياراتتى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018.04.10

خىتايدىكى خەينەن ئۆلكىسىدە 8-ئاپرېل ئاخىرلاشقان «2018-يىللىق مەملىكەتلىك ئەرلەر بوكس لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى» دا ئۇيغۇر ماھىرلار يەنە بىر قېتىم ئۆز تالانتىنى جارى قىلدۇرۇپ، ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى بوكس ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن ماھىرلاردىن مەمەتتۇرسۇن چوڭ بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە 69 كىلوگراملىقلار دەرىجىسى بويىچە چېمپىيونلۇقنى ئالغان. ئەھمەت مۇھەممەت 91 كىلوگراملىقلار دەرىجىسى بويىچە كۈمۈش مېدالغا ئېرىشكەن. توختى چوڭ موللا، ئادىل ئېلى، ئەردەۋلەت مەيلەنبېك قاتارلىقلار مىس مېدالغا ئېرىشكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرگەن مەمەتتۇرسۇن چوڭ مۇشۇ ئارقىلىق بۇ يىل ئاۋغۇستتا ھىندونېزىيەنىڭ جاكارتا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان 2018-يىللىق ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن. ئۇ 2017-يىلى بىر قېتىم «خىتاي بوكس شاھى» بولغان بولۇپ، ئۇيغۇر بوكس ماھىرى ئابدۇشۈكۈر 1996-يىلى «خىتاي بوكس شاھى» بولغاندىن كېيىن بۇ شەرەپكە ئېرىشكەن يەنە بىر ئۇيغۇر ماھىرى ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بوكس تۈرى ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى تەنتەربىيە ساھەسىدە كوزىر سانىلىدىغان بولۇپ، يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ماھىرلار بۇ تۈردە ئۆزلىرىنىڭ تالانتىنى جارى قىلدۇرۇپ كەلمەكتە. 1990-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدىن بۇيان ئۇيغۇر ماھىرلار كۆپ قېتىم خىتايدىكى بوكس مۇسابىقىلىرىدە ئالتۇن مېداللارغا ئېرىشكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.