خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدا 5 مىليون دېقھان-چارۋىچىنى ئۆي-زېمىنلىرىدىن كۆچۇرۈپ بولغان
2020.11.26
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا تەخمىنەن 5 مىليون يەرلىك دېھقان-چارۋىچىنى ئۆي-زېمىنلىرىدىن ئايرىپ كۆچۈرۈۋەتكەنلىكى مەلۇم بولدى.
خىتاينىڭ «خەلق گېزىتى» 26-نويابىر كۈنى «شىنجاڭدا 5 مىليون دېھقان-چارۋىچى يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردى» دەپ خەۋەر تارقاتقان. ھالبۇكى، چەت ئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۇيغۇر يېزا ئاھالىلىرىنى ئاساسلىق نىشان قىلىپ، «يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي قۇرۇلۇشى»، «ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى» دېگەن ناملاردا يۈرگۈزگەن كۆچۈرۈش ھەرىكەتلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنىئۆي-زېمىنلىرىدىن ئايرىش، تىرىكچىلىك مەنبەسىنى كېسىش ۋە ئۇلارنىڭ تۇپراق بىلەن بولغان بېغىنى ئۈزۈش، شۇنداقلا ئۇلارنى يىغىپ كونترول قىلىشنى مەقسەت قىلغان بىر كەڭ كۆلەملىك پىلان ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
دەرۋەق، خىتاينىڭ «خەلق گېزىتى» خەۋەردە يەركەن ناھىيەسىدە بىر نەچچە ئەۋلادتىن بېرى چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن ئىمىنجان تاش ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ ناھىيەنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋە كۆچۈرۈلگەنلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئورنى بولغان «مەڭگۈلۈك ئەمىنلىك» مەناسىنى بىلدۈرىدىغان «يوڭئەن ئاھالىلەر باشقۇرۇش كومىتېتى ئەنكاڭ 8-كەنتى 1-گۇرۇپپىسىغا كۆچۈپ كەلگەنلىكىنى، ئۆتكەن ئۈچ يىلدا يەركەن ناھىيەسىدىكى 3 يېزا-بازاردىكى 36 كەنتتىن كەلگەن 1915 چارۋىچى ئاتالمىش «يەر تەۋرەشكە چىداملىق» ئۆيلەرگە كۆچۈرۈلگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان.
خەۋەردە يەنە مۇنۇلار بايان قىلىنغان: «شىنجاڭنىڭ جەنۇبىدىكى ئۈچ ۋىلايەت بىر ئوبلاست شىنجاڭدىكى يېزا ئاھالىلىرىنى يۆتكەپ ئولتۇراقلىشىش تۈرىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىدۇر. 2016-يىلدىن باشلاپ، شىنجاڭنىڭ جەنۇبىدىكى ئۈچ ۋىلايەت بىر ئوبلاست جەمئىي 837 مىڭ 800 يېزا تۇرالغۇ تۈرىنى يولغا قويدى، 2020-يىلى شىنجاڭنىڭ جەنۇبىدىكى ئۈچ ۋىلايەت بىر ئپبلاستتا 29 مىڭ 341 ئۆي سېلىنىدىغان بولۇپ، بۇلار ھەممىسى تاماملىنىپ بولدى. پۈتۈن رايون جەمئىي 1 مىليون 169 مىڭ 800 يېزا تۇرالغۇ تۈرىنى يولغا قويدى، 5 مىليونغا يېقىن دېھقان ۋە چارۋىچى يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆيگە كۆچۈپ كىردى.»