خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر دىيارىدىكى چېگرا قوغداش ئەسكەرلىرىنى چېگرا ساقچىلىرىغا ئۆزگەرتمەكتىكەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019.01.04

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا قوراللىق ساقچى ئەترىتىنىڭ چېگرا قوغداش قىسىملىرىدا ھەربىي ۋەزىپىسىنى تۈگەتكەن ئەسكەرلەرنى كەڭ كۆلەمدە چېگرا ساقچىلىرىغا ئۆزگەرتىشكە باشلىغان.

خىتايدا چىقىدىغان «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قوراللىق ساقچى ئەترىتىنىڭ چېگرا قىسىملىرىدىن قايتقان ئەسكەرلەرنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى چېگرا ساقچىلىرىغا ئۆزگەرتىلىش قەسەم بېرىش مۇراسىمى 1‏-يانۋار كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتىنىڭ چېگرا ئېغىزلىرىنى باشقۇرۇش پونكىتىدا ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ ئۇيغۇر رايوندا تۇنجى قېتىم ھەربىي شتاتتىكى ئەسكەرنىڭ كوللېكتىپ ھالدا مەمۇرىي شتاتقا ئۆزگەرتىلىشىدۇر.

«يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە بايان قىلىشىچە، بۇ ئۆزگىرىش خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ ئۆتكەن يىلى 3‏-ئايدا چىقارغان ئىسلاھات قارارىغا ئاساسەن ئېلىپ بېرىلغان. خىتاي ھۆكۈمىتى چېن چۈەنگونى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومغا سېكرېتار قىلىپ يۆتكەپ كەلگەن 2 يېرىم يىلدىن بېرى رايوننىڭ بىخەتەرلىك سېلىنمىسىنى ھەسسىلەپ كۆپەيتىپ، نۇرغۇن ساقچى خادىملىرىنى قوبۇل قىلغان.

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 2017‏-يىلى ئۇيغۇر رايونىغا 100 مىڭدىن ئارتۇق ساقچى قوبۇل قىلغان. ئۇنىڭ بىخەتەرلىككە ئالاقىدار قۇرۇلۇشلارغا سەرپ قىلغان پۇلى شۇ يىلى 3 ھەسسە ئارتقان. بۇ قۇرۇلۇشلار 2018‏-يىلى داۋاملىق كېڭەيتىلگەن.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى قاتتىق تەقىب ئاستىغا ئېلىپ، ئۇلارنى بۇ رايوننىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادى ۋە مەدەنىيەت ھاياتىدىكى پاسسىپ كۈچكە ئايلاندۇرۇشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلدى. «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە ئاشكارىلىشىچە، چېگرا ساقچىسىغا ئۆزگەرتىلگەن بۇ ئەسكەرلەر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 5700 كىلومېتىرلىق چېگرا لىنىيەسىدىكى 16 چېگرا ئېغىزى ۋە 10 چېگرا كونترول گۇرۇپپىسىدا ۋەزىپە ئۆتەيدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.