«خىتاي ئارخىپى» دىكى ئۇيغۇر دىيارىغا دائىر مەخسۇس سۆھبەتكە يەنە ئىككى نەپەر تەتقىقاتچى ئاۋاز قوشتى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018-06-07
Share

6-ئاينىڭ 4-كۈنى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى مەركىزىگە قاراشلىق «خىتاي ئارخىپى» ھەپتىلىكى «ئۇيغۇر دىيارىدا بارغانچە زورىيىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇشلارغا دۇنيا قانداق ئىنكاس قايتۇرۇشى كېرەك» دېگەن مەخسۇس تېمىدىكى سۆھبەتتە خەلقئارادا ئۇيغۇر تەتقىقاتى بويىچە تونۇلغان 4 نەپەر مۇتەخەسسىسنىڭ پىكىر-قاراشلىرى تونۇشتۇرۇلغان ئىدى.

بۈگۈن بۇ سۆھبەتكە يەنە ئۇيغۇر تەتقىقاتى بويىچە تونۇلغان تەتقىقاتچىلاردىن ئىككى نەپىرى قوشۇلدى. ئۇلارنىڭ بىرى، جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى شان روبېرتس بولۇپ، ئۇ ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىپ كېلىۋاتقان ئالىملارنىڭ بىرى. يەنە بىرى، ئاۋسترالىيە ماككۇۋارى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى كېۋىن كاررىكو. ئۇلار «خىتاي ئارخىپى» دىكى بۇ سۆھبەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرىگە قارىتا ئۆزلىرىنىڭ پىكىرىنى بايان قىلغان.

ئامېرىكا جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى شان روبېرتس سۆزىدە خەلقئارا جامائەتنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» نىڭ دەسلەپكى بىشارەتلىرى ئۈستىدە ئاگاھلاندۇرغان.

ئۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە جازالاش ھەققىدىكى خىتابنامىسىدە بېكىتىلگەن ماددىلارغا ئاساسەن بىر مىللەتكە كەڭ كۆلەملىك قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىلغاندىلا ئاندىن ئۇنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلدى دەپ قاراشقا بولمايدىغانلىقى، ھالبۇكى شۇ خەلققە جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ئېغىر زىيان يەتكۈزۈش، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ۋە ياشاش ئۇسۇلىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشنىڭمۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق كاتېگورىيەسىگە كىرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئۇ، ھازىر خەلقئارادىكى ژۇرنالىستلار ۋە بەزى تەتقىقاتچىلار ئىگىلىگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى، يەرلىك خەلقلەر مۇنبىرى ۋە ب د ت ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن ساقلىنىش ۋە جازالاش مەسىلىلىرى ئىشخانىسى قاتارلىقلارنىڭ بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا يېتەرلىك ئاساسى بارلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ مۇنداق دېگەن: «ئەلۋەتتە، خىتاي ھۆكۈمىتى ب د ت دىكى ئورنىدىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ بۇ دەۋالارنى توسۇشقا ئۇرۇنىدۇ. بىراق ‹يېپىق تەربىيە لاگېرلىرى› مەسىلىسىدە خەلقئارالىق يۇقىرى دەرىجىلىك بىر مۇنازىرە قوزغاش، ھېچ بولمىغاندا خىتاي ھۆكۈمىتى ‹بىر بەلۋاغ، بىر يول› ئىستراتېگىيەسى ئارقىلىق دۇنيانى جەلپ قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بىر مەزگىلدە ئۇنى لاگېرلارنى تاقاشقا مەجبۇرلىشى مۇمكىن،» دېگەن.

ئاۋسترالىيە ماككۇۋارى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى كېۋىن كاررىكو سۆزىدە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تەتقىق قىلغان تەتقىقاتچىلارنىڭ ئەمدى بىرلىكتە بۇ مەسىلىگە ئىنكاس بىلدۈرىدىغان پەيتى يېتىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ يىللاردىن بېرى نۇرغۇن تەتقىقاتچىلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرلۈك بېسىم تاكتىكىلىرى تۈپەيلى ئۇيغۇر مەسىلىسىدە سۈكۈتتە تۇرۇپ كەلگەنلىكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسەتلىرىنى تەنقىد قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغانلىقىنى، ئەمدى بۇ خىل ئەھۋالنىڭ ئاياغلىشىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ بۇ سەۋەبلىك ئۆزىنىڭ باشقا تەتقىقاتچىلار بىلەن بىرلىشىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىگە نارازىلىقىنى ئىپادە قىلىدىغان «شىنجاڭ ۋەدىسى» نامىدا بىر ئىمزا قويۇش ھەرىكىتى تەشكىللىگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ۋە بارلىق ئاكادېمىكلارنى بۇنىڭغا قول قويۇشقا دەۋەت قىلغان.

بۇ سۆھبەتنىڭ 4-ئىيۇن كۈنى ئېلان قىلىنغان سانىدا ئامېرىكىدىكى لايولا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ پەنلىرى پروفېسسورى رايان سام، لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى ئېتنو-مۇزىكا ئىلمىنىڭ پروفېسسورى راچېل ھاررىس، ئاۋسترالىيەدىكى لا تروبې ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىتاي سىياسىتى ۋە ئاسىيا تەتقىقاتى پروفېسسورى جېيمېس لايبولدتلار قاتنىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىپادىسىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.