ئۇيغۇر دىيارى بۇ يىل يەنە 28 مىڭدىن ئارتۇق ئىختىساسلىقلارغا ئېھتىياجلىق ئىكەن

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2017.07.16

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرىنىڭ خىتاي مەتبۇئاتلىرىغا بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىل ئۇيغۇر رايونىدا جىددىي ئېھتىياجلىق كەمچىل ئىختىساسلىق خادىملار 28 مىڭدىن ئارتۇق بولۇپ، بۇ جىددىي ئېھتىياجلىق كەمچىل ئىختىساسلىقلار ئاساسلىقى، تېخنىكا، پارتىيە-ھۆكۈمەت، ئىگىلىك باشقۇرۇش، ئوقۇتقۇچىلىق ۋە باشقا ساھەلەرگە مەركەزلەشكەن.

شىنخۇا تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، ئەمما، جىددىي ئېھتىياجلىق كەمچىل ئىختىساسلىقلار ئىچىدە ئوقۇتقۇچىلارغا بولغان ئېھتىياج ئەڭ كۆپ بولۇپ، بۇ يىلقى مەزكۇر ساھەگە ئېھتىياجلىقلارنىڭ سانى 13مىڭ 715 كە يېتىدىكەن. بىراق ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرى مەزكۇر 28 مىڭدىن ئارتۇق جىددىي ئېھتىياجلىق ئىختىساسلىقلارنى، جۈملىدىن ئوقۇتقۇچىلارنى قانداق تولدۇرۇش مەسىلىسىدە ھېچ نېمە دېمىگەن. 

كۆزەتكۈچىلەر بۇ يىللىقى جىددىي ئېھتىياجلىق ئىختىساسلىق خادىملارنى ئىشقا قوبۇل قىلىشتا ئۇيغۇر قاتارلىق خىتاي ئەمەس مىللەتلەرنىڭ نىسبىتىنىڭ تۆۋەن بولۇشىنى مۆلچەرلىمەكتە، بۇنىڭدىن بىر قانچە كۈن ئىلگىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى بۇ يىلنىڭ يېرىمىدا ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرۈپ ئىش كۈتۈپ تۇرغان ستۇدېنتلاردىن 52 مىڭ ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغانلىقى، بۇلارنىڭ پەقەت 18 مىڭىنىڭ ئاز سانلىق مىللەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشقان ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەت ستۇدېنتلىرى 30% نى تەشكىل قىلغان ئىدى.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىد قىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلار پۈتۈن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نوپۇسىنىڭ 46% نى، باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر قوشۇلۇپ، 60% تىن ئارتۇقراقىنى ئىگىلىسىمۇ، ئەمما ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، جۈملىدىن خىزمەت تەقسىماتىدا مۇنداق مىللەت نىسبىتىگە ئەھمىيەت بەرمەي كەلمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.