خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر دىيارىدىكى «ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرۈشى» نىڭ مەقسىتىگە دائىر گۇمانلارغا ئىنكاس قايتۇردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018-07-06
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە دائىرىلىرى پەيشەنبە كۈنى رايوندىكى «ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرۈشى» ھەرىكىتىنىڭ مەقسىتىگە دائىر گۇمانلارغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، بۇنىڭ رايوندىكى خەلققە پايدا ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ «ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرۈشى» ھەرىكىتى 2016‏-يىلى سېنتەبىردە باشلىنىپ، پۈتۈن ئۇيغۇرلار سالامەتلىك تەكشۈرۈشىگە مەجبۇرىي قاتناشتۇرۇلغان. يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، سالامەتلىك تەكشۈرۈشىگە قاتناشمىغان ئۇيغۇرلار «ئىدىيەسىدە مەسىلە بار» دەپ ئاگاھلاندۇرۇلغان. سالامەتلىك تەكشۈرۈشىدە پۇقرالارنىڭ قان ئەۋرىشكىسى، بارماق ئىزى، كۆز نۇرى ۋە باشقا بىئولوگىيەلىك ئۇچۇرلىرى ئېلىنىپ، ھەر بىر كىشىگە ئارخىپ تۇرغۇزۇلغان. بۇ كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ، سالامەتلىك تەكشۈرۈش ھەرىكىتىنىڭ مەقسىتىگە قارىتا سوئال پەيدا قىلغان. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئۆتكەن يىلى خىتاينىڭ «ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرۈشى» نى باھانە قىلىپ، ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ د ن ئا ئەۋرىشكىسىنى توپلاۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى دەل شۇ مەزگىلدە ئامېرىكىدىكى تېرمو-فىشىر، ناملىق بىر شىركەتتىن د ن ئا رەتلەش ئەسۋابى سېتىۋېلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ د ن ئا ئارخىپىنى تۇرغۇزۇشقا ئىشلەتكەن. بۇ خەلقئارادا قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ پەيشەنبە كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە كومىتېتىنىڭ بىر ئەمەلدارى «ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرۈشى» ھەرىكىتىنى ئاقلاپ، ئۇنىڭ خەلق ئاممىسىغا زور پايدا يەتكۈزگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ ھەرىكەت يېزا-قشلاقلاردىكى بىمارلارنىڭ ۋاقتىدا ۋە ئۈنۈملۈك داۋالىنىشىغا قولايلىق يارىتىپ بەرمەكتىكەن. ئۇ يەنە ئۆتكەن يىلى يېزىلاردا بالىلاردىكى قان راكى ۋە تۇغما يۈرەك كېسىلىگە ئوخشاش ئېغىر ئاغرىقلارنى داۋالاش پروگراممىسىنى يولغا قويلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ بۇ يىللىق «ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرۈشى» ئۆتكەن ئايدا باشلانغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت