خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ DNA ئەۋرىشكىسىنى توپلىشى خەلقئارا تاراتقۇلاردا كۈچلۈك دىققەت قوزغىدى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2017-12-13
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

دۇنيا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى تۈنۈگۈن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلاردىن ئومۇميۈزلۈك ھالدا DNA ئەۋرىشكىسى توپلىغانلىقى ھەققىدە بىر دوكلات ئېلان قىلدى.

مەزكۇر دوكلاتتا بۇ ھەرىكەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا، جۈملىدىن ئىنسانلارنىڭ شەخسىي مەخپىيەتلىك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز يەتكۈزۈش ئىكەنلىكى ئالاھىدە تەكىتلەندى.

مەزكۇر دوكلات بۈگۈن خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىدى. ئامېرىكانىڭ س ن ن تېلېۋىزىيەسى بۇ ھەقتىكى مەخسۇس خەۋىرىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يېقىنقى يىللاردا كۆپ قېتىملاپ قارشىلىق ھەرىكەتلىرى يۈز بەرگەنلىكى، خىتاينىڭ بۇنى دىنىي ئەسەبىيلىككە باغلاپ تەشۋىق قىلغانلىقى، ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ سەۋەبىنىڭ رايوندىكى ئادەتتىن تاشقىرى دىنىي بېسىم ۋە سىياسىي تەڭسىزلىك ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىندى.

ياخۇ خەۋەر تورىدا بولسا ئاساسلىق نوپۇسى ئۇيغۇرلاردىن تەشكىللەنگەن مەزكۇر رايوننىڭ خىتاينىڭ ساقچى ۋە ئەسكىرىي كۈچلىرى بىلەن تولغانلىقى ئەسكەرتىلدى. ئەنگلىيەنىڭ «مۇھاپىزەتچى»، يەنى «گاردىيان» گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ خىتايدىكى ئەڭ قاتتىق باشقۇرۇلۇۋاتقان جاي ئىكەنلىكى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ رايونىدا ئارقا-ئارقىدىن ئاتالمىش «تېررورلۇققا قارشى مانېۋىر» ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇر خەلقىگە تەھدىت سېلىۋاتقانلىقى تەكىتلەندى.

خەۋەرلەردە ئومۇميۈزلۈك ھالدا «كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» خىتاي ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى سوفېي رىچاردسوننىڭ «پۈتۈن بىر خەلقنىڭ DNA قاتارلىق بىئولوگىيىلىك ئۇچۇرلىرىنى مەجبۇرى توپلاش خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسىگە پۈتۈنلەي خىلاپ. ئەگەر ئۇ سالامەتلىك تەكشۈرۈشى دېگەندەك ناملار بىلەن مەخپىي ئېلىپ بېرىلسا، تېخىمۇ خەتەرلىك،» دېگەن سۆزلىرىگە ئورۇن بېرىلدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت