ئۇيغۇر ئېلىدىكى يايلاقلارنىڭ 80 پىرسەنتى ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىغان

مۇخبىرىمىز جۈمە
2018-02-10
Share

خىتاي ئاخباراتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى يايلاقلارنىڭ 80 پىرسەنتتىن كۆپرەكىنىڭ ۋەيران قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭدىكى سەۋەبلەرنى تولۇق چۈشەندۈرمىگەن.

شىنخۇا ئاخباراتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە ھازىر 57 مىليون گېكتار يايلاق بار بولۇپ، بۇلارنىڭ 65 پىرسەنتى چارۋا بېقىشقا ئىشلىتىلىدىكەن. 

خەۋەرگە قارىغاندا بۇ يايلاقلارنىڭ كۆپ قىسمى ھەرخىل دەرىجىدىكى ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىغان.

خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن: «كىلىمات ئۆزگىرىشى ۋە نورمىدىن ئارتۇق چارۋا بېقىش سەۋەبىدىن 80 پىرسەنتتىن ئارتۇق يايلاق بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى.»

ھالبۇكى خەۋەردە، ئۇيغۇر ئېلىدە بارغانچە كېڭىيىۋاتقان شەھەرلىشىش ھادىسىسى، چارۋىچىلىق رايونلىرىدا پىلانسىز ئېچىلىۋاتقان ساياھەت رايونلىرى ۋە كان-كارخانىلارنىڭ يايلاقلارنىڭ ۋەيران قىلىنىشىنى كۈچەيتىۋاتقان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىلمىگەن.

رادىئومىز ئىلگىرى ئىگىلىگەن بىر قىسىم ئۇچۇرلاردا، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن بۇيان شەھەر كۆلىمىنىڭ شىددەت بىلەن زورىيىشى، يېڭى تەرەققىيات رايونلىرىنىڭ كەينى-كەينىدىن ئېچىلىشى، كان بايلىقلىرىنىڭ تېز سۈرەتتە قېزىلىشى سەۋەبلىك قۇمۇل ۋىلايىتىنىڭ چارۋىچىلىق رايونلىرىغا بولغان خىرىس ھەسسىلەپ كۈچەيگەنلىكى ئاشكارىلانغان. 

ئۇنىڭدىن باشقا ئۈرۈمچى بۇلاقتاغدىكى قازاق چارۋىچىلارنىڭ يايلاقلىرى 2015-يىلى يايلاقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش نامىدا تارتىۋېلىنىپ، ئورنىغا داچىلار سېلىنغان.
نەتىجىدە 100 دىن ئارتۇق چارۋىچى ياشاش يولىدىن ئايرىلىپ قالغان. بۇ خىل ھادىسىلەرنىڭ غۇلجا ۋە چارۋىچىلىق ئىگىلىكى بار باشقا ۋىلايەتلەرنىڭ ھەممىسىدە ئورتاق كۆرۈلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت