ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئۇيغۇر ئېموجىلار ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تارقىتىشقا ئاتلاندى

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2020.07.08

«يەر شارى ئاۋازى» خەۋەر تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى رۇس تىلى يانداش ئىشلىتىلىدىغان دۆلەتلەردە ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئىموجىلار ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن بىرى بولغان تېلېگراممىدا كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىشكە باشلىغان.

ئۇيغۇر دىيارىدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئەقەللىي كىشىلىك ھوقۇقلىرى خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئېغىر دەپسەندىچىلىككە ئۇچراۋاتقان بىر مەزگىلدە، رۇس تىلى يانداش قوللىنىلىدىغان ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى، شۇ جۈملىدىن قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستانىكى تەخمىنەن 350، 000 ئۇيغۇر ئاھالىسى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن پايدىلىنىپ، ئەركىن پىكىر قىلىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولماقتىكەن.

رۇسىيەدىكى «بىز ئۇيغۇرلار» ناملىق بىر گۇرۇپپا ئۆزىنىڭ تور بېتىدە ئۇيغۇر تارىخى، مەدەنىيىتىگە ئائىت نۇرغۇن يازما ماتېرىياللارنى ئېلان قىلغان. بۇ يىل 6-ئاينىڭ ئاخىرىدا مەزكۇر گۇرۇپپا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىن پارچىلىنىپ مۇستەقىل بولغان دۆلەتلەردە كەڭ قوللىنىلىدىغان «تېلېگرام» دا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىم-كېچەك، يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بىر يۈرۈش ئىموجىلارنى ياساپ تارقاتقان. بۇ ئېموجىلار تېلېگرامم قوللانغۇچىلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن.

«بىز ئۇيغۇرلار» گۇرۇپپىسىنىڭ باشقۇرغۇچىسى ۋە ۋە بۇ ئىموجىلارنىڭ لايىھەلىگۈچىلىرىدىن بىرى بولغان رېگىنا ئۇيغۇر «يەر شارى ئاۋازى» خەۋەر تورىنىڭ زىياراىتىنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېگەن: «بىزنىڭ بىرىنچى مەقسىتىمىز باي ۋە قەدىمىي ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تورداشلارغا تونۇشتۇرۇش؛ ئىككىنچى مەقسىتىمىز تورداشلارنى كونكرېت ئىجتىمائىي ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەش. نۆۋەتتە ئانا ۋەتىنىمىز ئۇيغۇر ئىلىدا ئۇيغۇرلار ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتىدۇ. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىققان دۆلەتلەردە ياشايدىغان ئۇيغۇرلارمۇ تۈرلۈك بېسىم ۋە كەمسىتىشلەرگە ئۇچرىماقتا. شۇڭا بىز مەدەنىيىتىمىزنىڭ سموۋللىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بۇ بىر يۈرۈش ئىموجىلار ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ قەلبىنى ئۈمىد ۋە ئىپتىخارلىق بىلەن تولدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.»


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.