ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى قورۇ جايلارنى خىتايلاشتۇرۇش يېزىلاردا مۇسابىقىگە ئايلاندۇرۇلماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020-06-03
Share

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي كونتروللۇق تەدبىرلىرىنىڭ بىر مۇھىم مەزمۇنى قاتارىدا ئۇيغۇرلاردىكى ئەنئەنىۋى ئولتۇراق مەدەنىيەت شەكلىنى خىتايچىلاشتۇرۇشقا كۈچىگەن ئىدى. يېقىندا بۇ پائالىيەتنىڭ يېزىلاردىكى دېھقان ئائىلىلىرى بويىچە داۋام قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولۇشقا باشلىدى.

«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 1-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، چەرچەن ناھىيىسىنىڭ ئاتچان بازىرىدا ئولتۇرۇشلۇق بايىمخان غېنىنىڭ مۇشۇ ھەپتىلىك «گۈزەل قورو چولپىنى» ناملىق كۆچمە قىزىل بايراققا ئېرىشكەنلىكى ئېيتىلغان. شۇنداقلا بۇ بايراقنىڭ تۆۋەنگە چۈشكەن خىتاي كادىرلىرىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن تەسىس قىلىنغان «قورۇ جايلارنى رەتكە سېلىش، قالاقلىقتىن قۇتۇلۇش» ساھەسىدىكى ئۈلگىلىك رول ئوينىغان ھەمدە «قالاق» قىياپەتكە خاتىمە بەرگەن ئائىلىلەرگە تەقدىم قىلىنىدىغانلىقى ئېيتىلىدۇ.

خەۋەردە يەنە بۇ بايراقنىڭ «مىننەتدارلىق تۇيغۇسى» ۋە «بەخت تۇيغۇسى» بولغان ئائىلىلەرگە ئالدى بىلەن بېرىلىدىغانلىقى تەكىتلىنىدۇ.

رادىيومىز ئىگىلىگەن ئىلگىرىكى ئۇچۇرلاردا خىتاي ھۆكۈمىتنىنىڭ ‍ئۇيغۇرلاردىكى ئۆي جابدۇقلىرىنىڭمۇ «ئەسەبىيلىك» كە باغلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم بولغان بولۇپ، بۇ جەھەتتىمۇ خىتايلارغا ئوخشاش بولۇش تەكىتلەنگەن ئىدى. ئەمدىلىكتە بۇ پائالىيەتلەرنىڭ بۇ خىل شەكلىدە يېزىلاردا ئومۇملىشىشىنى بىر قىسىم ئانالىزچىلار «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنىڭ يېزىلارغا يامرىشى،» دەپ ئاتىماقتا.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت