ئۇيغۇر ئەرزدارلار بېيجىڭغا قاراپ يولغا چىقتى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2014.02.13

ئۇيغۇر رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ئۈرۈمچىگە توپلانغان ئۇيغۇر ئەرزدارلار، ئۈرۈمچىدە ئەرزىنى ئاقتۇرالمىغاندىن كېيىن، بۇلاردىن 40 نەچچىسى ئالدىنقى كۈنى بېيجىڭغا قاراپ يولغا چىققان.

بۇ ھەقتە رادىئومىزغا ئۇچۇر بەرگەن بىر ئەرزدارنىڭ بايان قىلىشىچە، يولغا چىققانلارنىڭ كۆپىنچىسى شى جىنپىڭ يېقىندىن بۇيان باشلىغان پارىخورلۇققا زەربە بېرىش ھەرىكىتىدىن ئىلھاملانغان بولۇپ، ئۇلار پارىخورلۇققا زەربە بېرىش باشلانغان مەزگىلدە چوقۇم ئەرزدارلارنىڭ ئەرزىگە قۇلاق سېلىنىدۇ، دېگەن ئۈمىدتە بولغان.

يەنە بىر قىسىملىرى ئاساسىي قاتلاملاردىكى ئەمەلدارلار بىلەن قارشىلىشىش ئۈچۈنلا ئەرزگە ئاتلانغان.

مەلۇم بولۇشىچە، بېيجىڭ دائىرىلىرى يەرلىك دائىرىلەردىن ئەرز - شىكايەتلەرنى ئۆز ئورنىدا بىر تەرەپ قىلىشنى ۋە ئەرزدارلارنىڭ بېيجىڭغا كېلىپ ئىش تېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تەلەپ قىلماقتا.

ئەرزدارلارنى بېيجىڭغا بارغۇزماسلىقنىڭ يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ يىللىق خىزمەت نەتىجىسىنى باھالاشتىكى مۇھىم ئۆلچەم قىلىنىدىغانلىقى مەلۇم. شۇڭا، ئۇيغۇر رايونىدا يەرلىك ئەمەلدار بىلەن ئەرزدارلار ئارىسىدىكى كۈرەش بارغانسېرى كەسكىنلەشمەكتە.

بۇ قېتىم بېيجىڭغا يولغا چىققان ئەرزدارلارنىڭ خىتاي شىركەتلىرى تەرىپىدىن تېرىلغۇ يەرلىرى تارتىۋېلىنغان ۋە ئۆيلىرى چېقىۋېتىلگەن ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكى مەلۇم.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.