خرىستىئان ئاخباراتى: «دۇنيادا ئۇيغۇرلاردەك قاتتىق زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان ئېتىقادچى ئامما يوق»

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2018.09.12

بۈگۈن، يەنى 12-سېنتەبىر كۈنى «باپتىست ئۆلچىمى» ناملىق بىر خرىستىئان ئاخبارات تورىدا «نېمە ئۈچۈن ھەممىمىز ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئورنىمىزدىن دەس تۇرۇشىمىز لازىم؟» ناملىق بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىندى.

بۇ ماقالە ئامېرىكىنىڭ تېكساس شتاتىدىكى نورتۋورت چېركاۋىنىڭ پوپى بوب روبېرتس تەرىپىدىن يېزىلغان.

بۈگۈن دۇنيادا ئافغانىستاندىن تارتىپ ۋىيېتنامغا قەدەر مىليونلىغان ئىنساننىڭ دىنىي ئېتىقادلىرى سەۋەبلىك زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنغان بۇ ماقالىدا «زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان ئېتىقادچى خەلقلەر ئىچىدە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقانلىرىنىڭ ئەڭ ئېغىر ئىكەنلىكى» ئەسكەرتىلگەن.

نۆۋەتتە مىليونلىغان ئۇيغۇرنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرىدا ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ ئۆي-ئۆيلىرىگە قەدەر خىتاي كادىرلىرىنىڭ نازارەت ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى قاتارلىق بىر قاتار ئىجرائاتلار خەلقئارا خەۋەرلەردىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىلگەن بۇ ماقالىدا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكى ئۈچۈن بارلىق دىنىي گۇرۇھلارنىڭ ئورنىدىن دەس تۇرۇشى كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

بۇ ماقالىدا بارلىق دىنىي گۇرۇھلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا ساھىب چىقىشى كېرەكلىكى دىنىي ۋە ئىنسانىي مەجبۇرىيەت نۇقتىسىدىن تەپسىلىي چۈشەندۈرۈلگەن.

ئۇنىڭدا يەنە بىر دىنىي گۇرۇپپا ئۇچرىغان زۇلۇمغا سۈكۈت قىلىشنىڭ باشقا دىنىي گۇرۇھلارنىڭ زۇلۇمغا ئۇچرىشىغۇ يول ئاچىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن. ماقالىسىنىڭ بېشىدا ئۆزىنىڭ بىر خرىستىئان، بىر باپتىست ئىكەنلىكىنى ئىپتىخار بىلەن بايان قىلغان پوپ بوب روبېرتس بۇ ماقالىسىنى «مەن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن دۇئا قىلىمەن» دېگەن بىر بۆلۈم بىلەن ئاخىرلاشتۇرغان. بۇ بۆلۈمدە ئۇ دۇنيادا پۈتۈن ئېتىقادچى ئاممىغا دىنىي ئەركىنلىك نېسىپ بولىدىغان كۈننىڭ چوقۇم يېتىپ كېلىدىغانلىقى، بۇنىڭ پەقەت ۋاقىت مەسىلىسى ئىكەنلىكى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.