ئۇيغۇر ئېلىدا 900 ئالاھىدە پۇتبول مەكتىپى ئېچىلىدىكەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2016.02.18

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى 2020 - يىلىغىچە ئۇيغۇر ئېلىدا 900 ئالاھىدە پۇتبول مەكتىپى قۇرىدىكەن. «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ پىلان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ «13 - بەش يىللىق پىلان» لايىھەسىدىكى مۇھىم تۈرلەرنىڭ بىرى بولۇپ، كەلگۈسى بەش يىلدا، ياش - ئۆسمۈرلەر پۇتبول ھەرىكىتىنى پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلىدا ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن مەخسۇس مەبلەغ ئاجرىتىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، 2011 - يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ياش - ئۆسمۈرلەر ئارىسىدا پۇتبول ھەرىكىتىنى ئومۇملاشتۇرۇش توغرىسىدا مەخسۇس ئۇقتۇرۇش چۈشۈرگەن. شۇندىن بۇيان ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن مەكتەپ پۇتبول كوماندىسىغا قاتناشقان ئادەم سانى 10 مىڭدىن ئېشىپ، ھازىرقى 300 مىڭغا كۆپەيگەن. پۈتۈن ئاپتونوم رايون تەۋەلىكىدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ پۇتبول كوماندىسى ئىلگىرىكى 200 دىن 1000 غا كۆپەيگەن.

«يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ پۇتبولغا ئالاھىدە ئىشتىياقى بارلىقىنى، ئۇنىڭ ئارزۇسىنىڭ «خىتاي پۇتبول كوماندىسىنىڭ چېمپىيون بولۇشى» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنلىكىنى بايان قىلغان.

بىراق، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر، پۇتبول ساھەسىدە ھازىرغىچە ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن نۇرغۇن تالانتلىقلار يېتىشىپ چىققان بولسىمۇ، دائىرىلەرنىڭ يەنىلا ئۇلارنى تەربىيىلەش ۋە يېتەكلەشكە كۆڭۈل بۆلمەيۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.