خىتايدىكى ھۆكۈمەت تەستىقى بىلەن ھەجگە بارىدىغانلار ئىچىدە ئۇيغۇر ھەج تاۋاپ قىلغۇچىلارنىڭ نىسبىتى دىققەت قوزغىماقتا
2016.08.22
خىتاي دۆلەتلىك دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 20-ئاۋغۇست، يەنى ئۆتكەن شەنبە كۈنى خىتايدىكى ھۆكۈمەت تەستىقى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانغا يولغا چىققان 11 مىڭ ھەج تاۋاپ قىلغۇچى شۇ كۈنى مەدىنە شەھىرىگە يېتىپ بارغان.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل خىتايدىن ھۆكۈمەت تەستىقى بىلەن ھەجگە بارىدىغان مۇسۇلمانلارنىڭ سانى 14 مىڭ 500 كىشىگە يېتىدىكەن.
ب ب س نىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، 20-ئاۋغۇست بېيجىڭ خەلقئارا ئايرودرومىدىن 37 دانە چوڭ تىپتىكى ئايروپىلان بىلەن يولغا چىققان 11 مىڭ ھەج تاۋاپ قىلغۇچى خىتاينىڭ نىڭشيا، گەنسۇ، چىڭخەي، خېنەن، خېبېي قاتارلىق ئۆلكىلىرىدىن تەشكىللەنگەن مۇسۇلمانلار ئىكەن.
ھالبۇكى، مەزكۇر 11 مىڭ ھەج تاۋاپ قىلغۇچى ئىچىدە ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇسۇلمانلار تىلغا ئېلىنمىغان. پەقەتلا ئۇلارنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدىن تەشكىللەنگەن مۇسۇلمانلار ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
كۆزەتكۈچىلەر بىلەن ئۇيغۇر ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرى قالغان 3 يېرىم مىڭ ھەج تاۋاپ قىلغۇچىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىن ھۆكۈمەت تەستىقى بىلەن ھەجگە بارىدىغان مۇسۇلمانلار ئىكەنلىكىنى تەخمىن قىلماقتا. ئۇلار، ئەگەردە بۇ نىسبەت جەزىملەشتۈرۈلسە، خىتايدىكى مۇسۇلمانلار سانىنىڭ 51 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىغان ئۇيغۇر ئېلىدىن ئاران 3 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ھۆكۈمەت تەستىقى بىلەن ھەجگە بارالايدىكەن. ئەمما خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى تۇڭگان مۇسۇلمانلىرىدىن ھەجگە بارىدىغانلار 11 كىشىگە يېتىدىكەن.









