تافتېس ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلىرى ئۇيغۇرلارنى ھېمايە قىلدى
2021.03.04
ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان باستۇرۇش ۋە تۈرلۈك زۇلۇملار نۆۋەتتە بارغانسېرى كۆپ ساھەنىڭ ھېسداشلىقى ۋە قوللىشىغا ئىگە بولماقتا. ئامېرىكا جامائىتىگە بەكمۇ تونۇشلۇق بولغان تافتېس ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى چاقىرىقلىرىنى بۇنىڭ يەنە بىر مىسالى دېيىش مۇمكىن.
2-مارت كۈنى مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان باش ماقالىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ جىددىي تەدبىر ئېلىپ خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان نۆۋەتتىكى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ھەركىتىگە خاتىمە بېرىش تەلەپ قىلىندى.
ماقالىدە ئۇيغۇرلار ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكەن مەزگىللەردىكى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ھەركىتى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىش بىلەن بىرگە مىللەتچىلىكنى يادرو قىلغان يېتەكچى ئىدىيەدىكى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ نۆۋەتتە ئۆزلىرىدىن پەرقلىق بولغان ئۇيغۇر مىللىتىنى پۈتۈنلەي يوق قىلىشقا ئالدىراۋاتقانلىقى، شۇ سەۋەبتىن دۇنيا دېموكراتىيەسىنىڭ بايراقدارى بولغان ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل قەبىھ زۇلۇملارنى توختىتىش مەجبۇرىيىتى بارلىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن. بولۇپمۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا «تېرورلۇققا قارشى ئۇرۇش» نىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىشى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا كەڭ باھانە بولۇپ بەرگەنلىكى ئەسكەرتىلىپ: «بايدېن ھۆكۈمىتى ئەمدى بۇ خىلدىكى ھالەتنى ئۆزگەرتىشى لازىم» دەپ كۆرسىتىلگەن. ئاخىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قىلىۋاتقانلىرىنىڭ يالغۇز ئۇيغۇرلار بىلەنلا چەكلەنمەيدىغانلىقى، نۆۋەتتە ئۇلارنىڭ بۇ خىل ياۋۇزلۇقى ۋە تەھدىتلىرىنىڭ تاشقىي دۇنياغا كېڭىيىۋاتقانلىقىمۇ ئەسلەپ ئۆتۈلگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ماساچۇسېتس شىتاتىدىكى تافتېس ئۇنىۋېرسىتېتى ئامېرىكادىكى ئەڭ داڭلىق خۇسۇسىي ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بىرى بولۇپ سىياسىەت، ئىقتىساد ۋە سەنئەت ساھەسىدە دۇنياغا داڭلىق كۆپلىگەن كىشىلەرنى يېتىشتۈرگەن ئىكەن.