نىك ھولدستوكنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئىككىنچى كىتابى «خىتايدىكى ئۇنتۇلغان خەلق» نەشردىن چىقتى

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2015-08-14
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

شوتلاندىيەدە ياشاۋاتقان مۇخبىر ۋە يازغۇچى نىك ھولدستوكنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئىككىنچى كىتابى «خىتايدىكى ئۇنتۇلغان خەلق» يېقىندا ئامېرىكىدا يورۇق كۆرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ كىتابتا يېقىنقى 2 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىچكى ۋەزىيىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش كۈرەشلىرى شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى بويىچە ئويناۋاتقان سىياسىي ئويۇنلىرى ھەققىدە ئەڭ يېڭى بايان ۋە مۇھاكىمىلەر بېرىلگەن.

ئاپتور مۇستەقىل كۆزەتكۈچى ۋە يازغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۆمۈر پەردىسى ئاستىدىكى ئۇيغۇر دىيارى ۋە ئۇنىڭ ئەڭ يېقىنقى ۋەزىيىتى ھەققىدە كۆزىتىش ئېلىپ بارغان. مەزكۇر كىتابتا ئاپتور يەنە 2013-يىلىدىكى تيەنئەنمېن راۋىقىغا ئاپتوموبىل بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى ھەمدە 2014-يىلى مارتتىكى كۇنمىڭ ۋەقەسى ھەققىدە مەخسۇس مۇھاكىمە ئېلىپ بارغان.

نىك ھولدستوكنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بىرىنچى كىتابى «قان تامچىيدىغان دەرەخ» 2011-يىلى ئامېرىكىدىكى لۇئاس نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. ئۇزۇن ئۆتمەيلا بۇ كىتاب چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىپ تارقىتىلغان.

نىك ھولدستوكنىڭ «ھالاكەت» ناملىق يەنە بىر يېڭى كىتابى بۇ يىل ئاۋغۇستنىڭ ئاخىرلىرىدا ئامېرىكىدا تارقىتىلىشقا باشلايدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت