نوتېردام ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020.09.15

ئامېرىكانڭ ئىندىيانا شتاتىدىكى نوتېردام ئۇنىۋېرسىتېتىدا 14-سېنتەبىر كۈنى مەخسۇس ئۇيغۇرلارغا بېغىشلانغان مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلىپ، نۆۋەتتىكى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئىجتىمائىي كىرىزىسلار ۋە بۇ ھەقتە قىلىشقا تېگىشلىك پائالىيەتلەر مۇزاكىرە قىلىندى.

مۇھاكىمە يىغىنىغا لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى رەيچېل خاررىس، جورج تاۋن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى جېيمىس مىلۋارد ۋە نوتېر دام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى پەرىن گۈرەل قاتارلىقلار پىكىر بايان قىلدى.

پروفېسسور رەيچېل خاررىس ئۆزىنىڭ ئۆتكەن 20 نەچچە يىل مابەينىدە كۆپ قېتىملاپ ئۇيغۇرلار دىيارىغا بارغاندىكى تەسىراتىغا بىرلەشتۈرگەن ھالدا ئۇ جايدىكى ۋەزىيەت ۋە سىياسىي كونتروللۇقنىڭ ھەر قېتىم كۆرگىنىدە بۇرۇنقىدىن بىر بالداق يۇقىرىلاپ ماڭغانلىقىنى، ئەمدىلىكتە بولسا بۇ خىل سىياسىي كونتروللۇقنىڭ ئاللىقاچان قىرغىنچىلىق ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك باسقۇچىغا كۆتۈرۈلۈپ بولغانلىقىنى تەكىتلىدى. شۇنىڭدەك بۇ قەدەر زور كۆلەملىك باستۇرۇش تەدبىرلىرىنىڭ غەرەزلىك ئىجرا بولۇشى ئاللىقاچان تاشقى دۇنيانى ئويغاتقۇدەك سەۋىيىگە يەتكەنلىكىنى كۆرسىتىپ «خىتايلارنىڭ كىشىلەر كەمدىن-كەم ئاياق باسىدىغان چەت-ياقا جايلاردىكى مازارلارنى تۈزلىۋېتىشىنىڭ ئۆزىلا بۇنىڭدىكى مەقسەدنىڭ ئۇيغۇرغا تەئەللۇق جىمىي نەرسىنى يەر يۈزىدىن يوق قىلىش ئىكەنلىكىدىن بېشارەت بېرىدۇ» دېدى.

پروفېسسور جىم مىلۋارد بولسا ئاساسلىقى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرى، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋېتىش ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسىتى ھەققىدە توختالدى. شۇنىڭدەك ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا ئوتتۇرىغا چىققان سۆھبەتلەر ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

ئاخىرىدا سۆز ئالغان پەرىن گۈرەل ئاساسلىقى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئىجتىمائىي پاجىئەلەر تاشقى دۇنياغا كۆپلەپ مەلۇم بولغاندىن كېيىن خەلقئارادا بارلىققا كەلگەن بۇ ھەقتىكى ئىنكاسلار، جۈملىدىن ئىسلام ئەللىرى ۋە تۈركىيە ھۆكۈمىىتىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى مەۋقەسى ھەققىدە سۆز قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.