ئۇيغۇر ئېلىدا يەنە كان ۋەقەسى يۈز بېرىپ 10 ئادەم ئۆلدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2014-12-02
Share


ئۆتكەن ھەپتىنىڭ ئاخىرى ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بەرگەن كۆمۈركان گۆمۈرۈلۈش ۋەقەسىدە 10 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى مەلۇم بولدى.

خىتاينىڭ شىنجاڭ خەۋەرلەر تورىنىڭ خەۋىرىدە 2 - دېكابىر كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كۆمۈركان ئىدارىسىنىڭ قۇمۇل نەنخۇ 7 - نومۇرلۇق كۆمۈر كېنى ۋە بىڭتۈەنگە قاراشلىق تەڭرىتاغ 106 - كۆمۈر كېنىغا كۆمۈر قېزىشنى توختىتىش بۇيرۇقى چۈشۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئىككى كاندا ئىلگىرى كۆپ قېتىم كۆمۈر كان گۈمۈرۈلۈش ۋەقەسى ۋە گاز پارتلاش ۋەقەلىرى يۈز بەرگەن. خەۋەردىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئاخىرىقى قېتىملىق كان ۋەقەسى ئۆتكەن ھەپتە يۈز بېرىپ ۋەقەدە كۆپ ئادەم يارىلىنىپ، 10 ئادەم ئۆلگەن.

يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدا خىتاي شىركەتلىرىنىڭ كان ئىگىلەش ھەرىكەتلىرى بارغانچە كۆپەيگەن بولۇپ، 2010 - يىلى ئېچىلغان شىنجاڭ خىزمەت يىغىنىدىن كېيىن يېڭىدىن ئېچىلغان كۆمۈر كانلىرى ئاساسەن خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا بولۇپ، بۇ كۆمۈر كانلىرىنىڭ مۇنبەت تېرىلغۇ يەرلەر ۋە چارۋىچىلىق مەيدانلىرىدا ئېچىلىشى، ئۇيغۇر دېھقانلىرى ۋە قازاق چارۋىچىلىرىنى يېرىدىن ئايرىلىش قىسمىتىگە دۇچار قىلىپلا قالماستىن، كۆمۈر كاندىن چىققان كۆمۈر توزانلىرى ۋە سۇنىڭ بۇلغىنىشى بۇ جايلاردىكى ئوتلاق ۋە مىۋىلىك دەرەخلەرنى ۋەيران قىلىپ، يەرلىك ئاھالىلەردە ھەر خىل نەپەس ياللۇغى كېسەللىكلىرىنى كۆپەيتكەن. بۇ سەۋەبتىن يېقىنقى يىللاردا ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەرنىڭ نارازىلىق ئەرزى سۇنۇش ۋە قارشىلىق ھەرىكەتلىرىمۇ كۈچەيگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت