ئۇيغۇر ئېلىدىكى بۇلغىنىش خىتايدىكى ئەڭ بۇلغانغان رايونلاردىنمۇ يامانلىشىپ كېتىدىكەن

مۇخبىرىمىز جۈمە
2016.06.19


باش شتابى لوندونغا جايلاشقان بىر ئېكولوگىيەلىك مۇھىت خەۋەرلەر تورىنىڭ 17 - ئىيۇن كۆرسىتىشىچە، يېقىن كەلگۈسىدە ئۇيغۇر ئېلى ھاۋاسىدىكى بۇلغىنىش دەرىجىسى خىتايدىكى ئەڭ بۇلغانغان خېبېي ئۆلكىسىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كېتىشى مۇمكىن ئىكەن.

«خىتاي دىئالوگى» تورىنىڭ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئۆتكەن ئايدا ئېلان قىلغان خىتايدىكى ئەڭ بۇلغانغان شەھەرلەر تىزىملىكىدىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، نۆۋەتتە خىتاي ئەڭ بۇلغانغان 5 شەھەرنىڭ ھەممىسى خېبېي ئۆلكىسىگە جايلاشقان ئىكەن.

تور بەت خىتايدىكى مۇھىت مەسىلىلىرىنى ئاساسلىق كۆزىتىش ۋە خەۋەر قىلىش ئوبيېكتى قىلغان بولۇپ، ئۇلار خىتايغا ئائىت مۇھىت ۋە بۇلغىنىش ئۇچۇرلىرىنى ئىزچىل يېڭىلاپ تۇرىدۇ.

خەۋەرگە قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرى 2013 - يىلىدىن باشلاپ بېيجىڭ، تيەنجىن ۋە خېبېي قاتارلىق شەھەر - رايونلاردا بۇلغىنىشقا قارىشى يولغا قويغان تەدبىرلەر بارا - بارا كارغا كېلىشكە باشلىغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ غەربىي شىمالىدىكى بۇلغىنىش دەرىجىسى بۇ شەھەرلەرنىڭ ئورنىنى ئېلىشقا باشلىغان. مەسىلەن نۆۋەتتە لەنجۇ شەھىرى بۇلغىنىش جەھەتتە خېبېينىڭ بۇرۇنقى ھالىتىگە كېلىپ قالغان بولسا، خېبېينىڭ ھاۋا سۈپىتى ياخشىلىنىشقا قاراپ يۈزلەنگەن.

ئۇلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، ب د ت سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتى 2014 - يىلىدىكى سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسەن ھازىرلانغان بولغاچقا، دوكلاتتا ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە مەلۇماتلار تولۇق ئەمەس ئىكەن.

خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن: «بەزى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ مۆلچىرىچە، نۆۋەتتىكى سۈرئەت بويىچە خىتاي شەھەرلىرى سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ تىزىملىكىدىن بارا - بارا چۈشۈپ قېلىشى مۇمكىن. ئەمما، بەزى ئوبزورچىلار ئاگاھلاندۇرغاندەك ھاۋا سۈپىتىنىڭ يامانلىشىغا ئەگىشىپ خىتاينىڭ غەربىي شىمالىدىكى شىنجاڭ كەلگۈسىدىكى چوڭ رىقابەتكە ئايلىنىدىغاندەك قىلىدۇ.»

ھالبۇكى خەۋەرگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى يولغا قويغان ھاۋا سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ۋە بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى يۇقىرىقى چوڭ شەھەرلىرىگە سېلىشتۇرغاندا ئۇيغۇر ئېلىدە خېلىلا كەينىدە قالغان.

ھەتتا خىتاي ھۆكۈمىتى 2016 - يىلىنىڭ دەسلەپكى چارىكىدە ئېلان قىلغان دوكلاتتىمۇ ئۈرۈمچى شەھىرى ئەڭ بۇلغانغان شەھەر تىزىمنىڭ بىرىنچى رېتىدىن ئورۇن ئالغان بولسا، خىتاينىڭ خېبېي ئۆلكىسىگە قاراشلىق باۋتوڭ ۋە شىڭتەي شەھەرلىرى ئۈرۈمچىنىڭ كەينىگە تىزىلغان.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە ھاۋادىكى زەھەرلىك ئۇششاق زەررىچىلەر MP 2.5 قىممىتى بويىچە ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭدا ھەر كۇبمېتىر ھاۋادا دىكى MP 2.5 بۇلغىما زەررىچىلەر 10 مىكروگرامدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، ياكى ئۇنىڭدىن توۋەن بولۇشى كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەن.

«يېشىل تىنچلىق تەشكىلاتى» 20 - ئاپىرىل ئېلان قىلغان دوكلاتىدىمۇ خىتايدىكى ھاۋا بۇلغىنىشنىڭ غەربىي شەھەرلەرگە قاراپ كۆچۈۋاتقانلىقىنى، قەشقەر ۋە خوتەننىڭ خىتايدىكى ئەڭ بۇلغانغان شەھەرلەر تىزىملىكىنىڭ تۆرىدىن ئورۇن ئالغانلىقىنى كۆرسەتكەن.

ئۇلار ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا قەشقەرنىڭ ھەر كۇبمېتىر ھاۋاسىدىكى MP 2.5 بۇلغىما زەررىچىلەر 276.1 مىكروگرام بولۇپ، بۇنىڭ ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 99 پىرسەنت ئاشقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.