2014-يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتى 1.1 پىرسەنت ئاستىلىغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2015.01.28

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ 2014‏-يىللىق ئىقتىسادى تەرەققىيات سۈرئىتى 2013‏-يىلقىدىن 1.1 پىرسەنت ئاستىلىغان. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتى 2014‏-يىلى 10% گە چۈشكەن.

بۇ ئۇيغۇر ئېلى ئىقتىسادى تەرەققىيات سۈرئىتىنىڭ 2012‏-يىلدىن بېرى داۋاملىق ئاستىلاۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. دائىرىلەر، ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتىنى 2012‏-يىلى 12%, 2013‏-يىلى 11.1 پىرسەنت، دەپ ئېلان قىلغان ئىدى.

بىراق بۇ يەنىلا خىتاينىڭ 2014‏-يىلدىكى مەملىكەتلىك ئوتتۇرىچە تەرەققىيات سۈرئىتىدىن يۇقىرى. خىتاينىڭ 2014‏-يىللىق ئىقتىسادى تەرەققىيات سۈرئىتى 7.4 پىرسەنت، دەپ ئېلان قىلىنغان. ئانالىزچىلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، سىياسىي مەبلەغ ئۇيغۇر ئېلى ئىقتىسادىنىڭ سۈرئىتى خىتاي ئومۇمىي ئىقتىسادى تەرەققىيات سۈرئىتىدىن داۋاملىق تېز بولۇشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبتۇر.

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردا يېڭى يىپەك يولى پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇيغۇر ئېلىدا ئاساسى ئەسلىھەلەرگە كەڭ كۆلەملىك مەبلەغ سالغان. بىراق بۇ خىل مەبلەغ ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدا ئەندىشە قوزغىغان. ئۇلار زور كۆلەملىك بۇ خىل مەبلەغ، خىتاي نوپۇسىنى جەلپ قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى، تۇرمۇشى، پائالىيەت بوشلۇقى، مۇھىت ۋە ئىجتىمائىي ھەق-ھوقۇقلىرىغا دەخلى-تەرۇز قىلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ كەلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.