ئۇيغۇر رايونى دائىرىلىرى ئالى مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئىشسىز ياشلارنى تەربىيىلەش پىلانىنى داۋاملاشتۇرماقتا

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2016.07.10


ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرى 2016 - يىلىدىن 2020 - يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى تۆت يىل ئىچىدە 20 مىڭ ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرۈپ ئىشسىز قالغان ياشنى مەخسۇس تەربىيىلەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىنى ئېلان قىلدى.

مەلۇم بولۇشىچە، 2009 - يىلى، 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن ئېچىلغان خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ مەخسۇس «شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى»دا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئىشسىز ياشلارنى، بولۇپمۇ ئالى مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئىشسىز قالغان ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەت ياشلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقى قارار قىلىنغاندىن كېيىن مەزكۇر ساھە بويىچە بىر قىسىم لايىھىلەر ئېلىپ بېرىلغان ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمەت تەرەپ ئەنە شۇ قارار بويىچە 2011 - يىلىدىن 2015 - يىلىغىچە 28 مىڭدىن ئارتۇق ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرۈپ ئىشسىز قالغان ياشنى ئىچكىرى خىتايدىكى 19 شەھەرگە ۋە دۆلەت تارماقلىرىغا قارايدىغان 188 ئالىي مەكتەپتە قايتا تەربىيىلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

تەڭرى تاغ تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر تەربىيەدىن ئۆتكەنلەرنىڭ ئىچىدە 26 مىڭدىن ئارتۇقىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى ئېيتىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ مىللەت تەركىب نىسبىتى ھەققىدە ھېچ نېمە دېيىلمىگەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرى يېقىندا ئىككىنچى تۈركۈمدە يەنە 20 مىڭ ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئىشسىز ياشنى مەخسۇس تەربىيىلەش پىلانىنى ئېلان قىلغان بولۇپ؛ بۇلارنىڭ 8 مىڭ نەپىرىنى ئىچكىرى خىتاي شەھەرلىرىگە ئەۋەتىش ۋە قالغان 12 مىڭنى ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئۆزىدە تەربىيىلەش قارار قىلىنغان ئىكەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى بۇ قېتىم تەربىيىلىنىدىغان ئىككى تۈمەن ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئىشسىز ياشنىڭ ئاساسلىقى ئۇيغۇر رايونىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۈچ ۋىلايەت ۋە بىر ئوبلاستنى ھەم بۇ يەردىكى خىتاي ئەمەس مىللەتلەرنى نۇقتا قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، ھەر خىل ئالىي مەكتەپ ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك تېخنىكوم ۋە باشقىلارنى پۈتتۈرۈپ ئىشسىز قالغان ئۇيغۇر ياشلىرى يىللاردىن بۇيان ئىزچىل كۆپىيىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭغا ئالىي ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك مائارىپ تەربىيىسى كۆرمىگەن ئىشسىز ياشلارنى قوشسا ئۇلارنىڭ سانى تېخىمۇ ئاشىدىكەن. دائىرىلەر ياشلاردىكى ئىشسىزلىق مەسىلىسى ئىجتىمائىي مۇقىمسىزلىقنىڭ ئاساسلىق مەنبەلىرىدىن بىرى دەپ ھېسابلىماقتا ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.