ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازالانغان كادىرلار سانى زور گۇمان قوزغىماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020.04.28

ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىدە مىڭلىغان ئۇيغۇر رەھبىرىي كادىرلارنىڭ «ئىككى يۈزلىمىچى» دېگەندە نامدا بىر ياقلىق قىلىنغانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى. 28-ئاپرېل كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ھەقتىكى بىر قىسىم سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلدى.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ شۇ كۈنىدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى رېۋىزىيە، ئىنتىزام ۋە تەپتىش ئورۇنلىرى 2020-يىلىنىڭ بىرىنچى پەسلىدىلا 5600 دىن ئارتۇق كادىرغا مەخسۇس دېلو تۇرغۇزۇپ چىققان، تۆت مىڭغا يېقىن كادىرغا پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بەرگەن. بۇ جەرياندا نازىر دەرىجىلىك 16 كادىرنى، ھاكىم دەرىجىلىك 100 كىشىنى بىر ياقلىق قىلغان.

بۇ يىلنىڭ بىرىنچى پەسلىدە يەنە ئون ئۈچ مىڭدىن ئارتۇق ھەر دەرىجىلىك كادىر «تەنقىد ۋە تەربىيە» نىڭ تۆت خىل شەكلىدە ئوخشىمىغان دەرىجىدە «ئۇچۇغدالغان». خەۋەردە گەرچە بۇ كادىرلارنىڭ مىللەت تەۋەلىكى ئېيتىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئانالىزچىلار ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىنى تەخمىن قىلماقتا.

ئامېرىكادىكى مۇستەقىل كۆزەتكۈچى ئىلشات ھەسەن بۇ ھەقتە توختىلىپ: «بۇ خىتاي ھۆكۈمىتى تارىختىن بۇيان قوللىنىپ كەلگەن ئۆزلىرىنىڭ باستۇرۇش ھەرىكىتىگە ھەمدەمدە بولغان كىشىلەرنى يوقىتىش ئۇسۇلى،» دېدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.