ئاقسۇ ۋىلايەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى پەرھات نامان تەكشۈرۈلۈشكە ئېلىنغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-05-22
Share

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يەنە بىر ئۇيغۇر كادىر خىتاي ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە دائىرىلىرىنىڭ تەكشۈرۈشى ئاستىغا ئېلىنغان.

بۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇنىدىن بېرى تەكشۈرۈشكە ئېلىنغان ياكى تۇتقۇن قىلىنغان يەنە بىر ناھىيە دەرىجىلىك ئۇيغۇر كادىرىدۇر. خىتايدىكى «خەلق تورى» نىڭ 20-ماي خەۋەر قىلىشىچە، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە كومىتېتى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك سودا-سانائەت بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى پەرھات ناماننى تەكشۈرۈشنى قارار قىلغان.

خەۋەردە ئۇنىڭ «ئىنتىزامغا ۋە قانۇنغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغانلىقى سەۋەبلىك» تەكشۈرۈش ئاستىغا ئېلىنغانلىقى تەكىتلەنگەن. لېكىن ئۇنىڭ ئىنتىزام ۋە قانۇنغا كونكرېت قانداق خىلاپلىق قىلغانلىقى، نۆۋەتتە ئۇنىڭ قانداق تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىلمىگەن. «قانۇن ياكى سىياسىي ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش» خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيگۇر كادىرلىرىنى جازالاشتا دائىم ئىشلىتىدىغان ئىبارىسى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇنىدىن بېرى ھەر قايسى ساھەلەردىكى نۇرغۇن ئۇيغۇر كادىرلار «ئىككى يۈزلىمىچىلىك»، «رەزىل كۈچلەرگە يانتاياق بولۇش» دېگەندەك قالپاقلار بىلەن جازالانغان. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى شۈرۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر كادىرلىرىنى بۇ خىل مۈجمەل ئىبارىلەر بىلەن ئەيىبلەپ جازالىشى ئۇلارنى ھاكىمىيەت سېپىدىن تازلاپ چىقىرىشنى مەقسەت قىلىدىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.